□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، جاڭ يەن
بىر گۇسۇ شەھىرىدە جياڭنەن نەزمىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن گۈزەللىكلەر تېپىلىدۇ.
«جياڭنەن ئالاھىدىلىكىگە ئەڭ ئىگە» بولغان بۇ شەھەرنى چۈشىنىشتە، خۇددى سۇجوۋ كەشتىچىلىكى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل قوش يۈزلۈك كەشتىنى چۈشەنگەندەك، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
«مەن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەنىدىم، تۈنۈگۈن سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىنى كۆردۈم، بۈگۈن يەنە كېلىپ سۇجوۋنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كۆردۈم.» 7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە پىڭجياڭ يولىغا كىرىپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى. ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى سۇجوۋغا كېلىپلا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پات ئارىدا «30 ياشلىق قىران مەزگىل»گە قەدەم قويىدىغان سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىغا بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
سۇجوۋدا زىيارەتتە بولغاندا، بىر خىل ئالاھىدە ھېس ـ تۇيغۇغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ: ئۆتمۈش ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق، كەلگۈسى چەكسىز مۇمكىنچىلىككە تولغان.
پىڭجياڭ يولىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى كۆرگەزمە زالىدىكى كۆرگەزمە تاختىسىغا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدا ئويۇلغان بىر پارچە «پىڭجياڭ خەرىتىسى» ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 800 يىل ئىلگىرىكى پىڭجياڭ مەھكىمىسىنىڭ تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشى ۋە كوچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېنىق كۆرسىتىلگەنىدى. باش شۇجى يېقىن كېلىپ تەپسىلىي سىنچىلاپ كۆردى.
كۆرگەزمە زالىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بوشلۇقتىن تارتىلغان كەڭ دائىرىلىك بىر پارچە سۈرەت بار ئىدى − بىر بېشىدىكى قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولغان، جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى لياڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان بېيسى مۇنارى، يەنە بىر بېشىدىكى سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىدا قەد كۆتۈرگەن شەھەر يېڭى يەر بەلگىسى ئىدى.
قەدىمىي شەھەرنىڭ جان تومۇرى ئۆزگەرمىدى؛ يېڭى رايوندا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى. قەدىمكى بىلەن بۈگۈن بىر رامكىغا قويۇلدى، يېڭى بىلەن كونا بىر ـ بىرىگە نەزەر سالدى، بۇ، ئادىمىيەت ئاساسى بىلەن دەۋر ئېقىمى تەڭ ھازىرلانغان ئۆزگىچە مەنزىرە ئىدى.
سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى كۆرگەزمە مەركىزىگە كىرگەندە، ھەممىلا يەردىن بىر خىل پەن ـ تېخنىكا تۇيغۇسى، كەلگۈسى تۇيغۇسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
يوپيورۇق كۆرگەزمە زالىدا، سۇجوۋنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، نانومېتىر يېڭى ماتېرىيالى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى «چولپان مەھسۇلاتلىرى» كۆزنى قاماشتۇراتتى.
ئالىقانچىلىك يەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى، ئالىي، سەر خىل، ئىلغار تېخنىكا ساھەسىدە چەكلىكلىك ئارقىلىق چەكسىزلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈش ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلدى، بۇ، سۇجوۋلۇقلارنىڭ «كىچىككىنە تاشلار ئارقىلىق ھەيۋەتلىك تاغ مەنزىرىسى يارىتىش، كىچىككىنە سۇ گەۋدىسى ئارقىلىق غايەت زور دەريا تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئاددىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىش، ئاسمان ـ زېمىن مۇجەسسەملەنگەن ھېس ـ تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت باغ ـ ئورمان مەنزىرىسى بەرپا قىلىش سەنئىتى بىلەن زىچ تومۇرداش ئىدى.
يەنە، كەسىپ شەھىرى، ئىجادچان شەھەر، ئېچىۋېتىلگەن شەھەرنىڭ «قاتتىق ئەمەلىي كۈچى»نى نامايان قىلىدىغان بۇ بىۋاسىتە سانلىق مەلۇماتلارمۇ بار: سۇجوۋنىڭ 2022 ـ يىللىق GDPسى 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 6 ـ ئورۇندا تۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 تىرىليون 360 مىليارد يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.5كە يەتتى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكىدە پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانا 50 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى جەمئىي 150 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى...
تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى ئۆزىنىڭ سۇجوۋ تەسىراتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سۇجوۋدا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ يەردە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بار بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتمۇ بار ئىكەن، بۇلار كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ».
دەل «بىرلەشتۈرۈش» بولغاچقا، يېڭى بوشلۇق ئېچىلدى، يېڭى مۇمكىنچىلىك يارىتىلدى.
ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق، تارىخ بىلەن كەلگۈسى، مەدەنىيەت بىلەن پەن ـ تېخنىكا، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىساد ئەسلىدىنلا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، ئورتاق گۈللەپ ياشنىسا بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇزاق مەزگىل چوڭقۇر ئويلاندى.
«جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»نى ۋاراقلايدىغان بولساق، «مەدەنىيەت − روھ» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«مەدەنىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا چوڭقۇر ئادىمىيەت قىممىتى يۈكلەيدۇ»؛ مەدەنىيەتنىڭ كۈچى «ھەمىشە<ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ> ئىقتىسادىي كۈچ، سىياسىي كۈچ، جەمئىيەت كۈچىگە سىڭىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ <تۈرتكۈچىسى>، سىياسىي مەدەنىيلىكنىڭ <يول باشلاش چىرىغى>، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ <يېپىشتۇرغۇچىسى>»غا ئايلىنىدۇ.
«<مەدەنىيەت ئىقتىسادى> جېجياڭ ئىقتىسادىنى يورۇتتى» ناملىق يەنە بىر پارچە ماقالىدە «مەدەنىيەت ئىقتىسادى» ئۇقۇمى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلگەن:
«مەدەنىيەت ئىقتىسادى دېگىنىمىز، مەدەنىيەتنى ئىقتىسادلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى، يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت».
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا، مەدەنىيەت مۇھىم ئامىل» دەپ كۆرسىتىشتىن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، مەدەنىيەت مۇھىم تىرەك نۇقتا» دەپ تەكىتلىنىشكىچە، يەنە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن «تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىش»نى تەلەپ قىلىشقىچە... ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان تەرەققىيات يولى تېخىمۇ روشەنلەشتى.
ئادىمىيەت جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق جاھاندىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش. سۇجوۋ ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگە.
پىڭجياڭ يولىدا، شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلار پەخىرلەنگەن ھالدا باش شۇجىغا سۇجوۋنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەپسىلىي ساناپ بەردى:
سۇجوۋ باغۋەنچىلىكى، چوڭ قانالنىڭ سۇجوۋ بۆلىكى، كۇنچۈ تىياتىرى، گۇچىن، سۇڭ سۇلالىسى كىمخابى، يىپەك زىغزىق، شياڭشەنباڭ ئەنئەنىۋى بىنا سېلىش ھۈنەر تېخنىكىسى، سۇجوۋ دۇەنۋۇ ئۆرپ ـ ئادىتى، بىلوچۇن چېيى... ئىنچىكىلىك بىلەن ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق «گەرچە كىشىلەر ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، خۇددى ئەزەلدىن باردەك» ئەڭ گۈللەنگەن ئادىمىيەت بەرپا قىلىنغان.
«<ھەر يۈز قەدەمدە، جەزمەن باردۇر بىر مەنزىرە> دېگەن بۇ جۈملە سۆزنى بۇ يەرگە ئىشلىتىشكە بەكلا ماس كېلىدىكەن» دەپ ئوبرازلىق ماختىدى باش شۇجى.
كوچا بويىدىكى بىر دۇكاندا، باش شۇجى سۇجوۋ كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى لۇ جيەنيىڭنى كۆردى. يىڭنىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:
«جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش كۈچىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى مۇشۇ سۇجوۋ كەشتىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ماھارەت جۇڭگولۇقلارنىڭ چىدامچانلىقى، سەۋرچانلىقى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ بىر قىسمى».
بۇ سۆزدە قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگولۇقلارنىڭ قېنىدىكى ئۆزگەرمەيدىغان يىلتىز، ئاساس، روھ، ئۇنىڭغا سىڭگەن مەنە، مەزمۇن، رىتىم، ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلگەن جۇشقۇنلۇق، جاسارەت، روھقا «ماددىي شەكىلدە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبتىن ياخشى ۋارىسلىق قىلىش» كېرەكلىكى ئىزاھلانغان.
ئەزەلدىن قول ھۈنەرۋەنچىلىك گۈللەنگەن سۇجوۋدا، قويۇق مەدەنىيەت «يولى» بىلەن ئىنچىكە «تېخنىكا» يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق سۇجوۋ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، سۇجوۋ ياسىمىچىلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ، نەپىس بولغان يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا ۋە ئىنچىكە بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر ـ سەنئەتكە ئوخشاش «ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەيدىغان» كۈچكە ئىھتىياجلىق.
«سۇجوۋ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، سۇجوۋ ياسىمىچىلىقى دەل ئەينى يىللاردىكى <كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە>»دۇر. زىيارەت جەريانىدا، شۇ جايدىكى بىر كادىرنىڭ سۆزى كىشىلەرگە ئىلھام بەردى، يەنە دائىم دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتكە تولغان بەزى ئىپادىلەشلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مەسىلەن: «سۇجوۋلۇقلار يۇمشاق، يېقىملىق سۆزلىسىمۇ، ئەمما قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى <پۇختا>» «ئاستا ئېيتىلىۋاتقان پىڭتەننى ئاڭلاپ، ھەر ۋاقىت 1 ـ لىكنى تالىشىدىغان شەھەر قىياپىتىنى پەيدا قىلىش» «مەقسەتكە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان ئىرادە بار، مۇھىمى مەقسەتكە يەتسىمۇ، تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنىلا بولدى قىلمايدىغان چىدامچانلىق بار»...
مەدەنىيەت تومۇرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، دەريالار مەڭگۈ توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىچكى روھ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ.
ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئادەمنىڭ تەرەققىياتىنى ماكان قىلىدۇ، ئادەمنىڭ تەرەققىياتى مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىچكى يادرو قىلىدۇ.
«شەھەر خەلق بىلەن ئاۋات.» بۇ، باش شۇجى ئىلگىرى نەقىل كەلتۈرگەن بىر جۈملە قەدىمكى سۆز.
پىڭجياڭ دەرياسى بويى، چوڭ كامفورا دەرىخى ئاستىدا، بىلوچۇن چېيى خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، پىپادا ئورۇنلانغان سەنشيەن، لەرزان كۈي ياڭراپ، يېنىك، يېقىملىق ئاھاڭ بىر ئۆرلەپ بىر پەسىيىپ تۇراتتى. باش شۇجى زور ئىشتىياق بىلەن شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە پىڭتەن ئويۇنىدىن ھۇزۇرلاندى، بىر ناخشا تۈگىشىگىلا، باش شۇجى باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چالدى.
«بۇ يەردە ياشاش تولىمۇ بەختلىك ئىش ئىكەن» دېدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ كۆپچىلىككە.
پىڭجياڭ كوچا باشقارمىسى نيۇجياشياڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يىڭيىڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئىدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى. 15 يىلدىن بۇيان قەدىمىي شەھەردە خىزمەت قىلغان چاغدىكى ئىشلار كۆڭلىدىن كەچتى: قەدىمىي ئىمارەت، كونا قورۇلارنى قوغداش، رېمونت قىلىشتىن تارتىپ، قولۇم ـ قوشنىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشىغىچە... جاپا ـ مۇشەققەت كۆرسەتكۈچى پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى.
پۇقرالارنىڭ ئالقىشى كۆپ ھاللاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىكى ئابىدىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. كىشىلەر توپى ئارىسىدىن «بەختلىكمەن!» «خۇشالمەن!» دەپ توۋلىغان چىن قەلبتىن چىققان سۆزلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئاشلىق ئامبىرى لىق تولسا كىشىلەر قائىدە ـ يوسۇننى بىلىدۇ، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك يېتەرلىك بولسا كىشىلەر شەرەپ ـ نومۇسنى بىلىدۇ. ئادىمىيەت ئىقتىسادى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىياتنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك، ئۇ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر ـ بىرىگە ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر يول، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
باش شۇجىنى كۆرگەن چاغدا، سۇجوۋ كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى لۇ جيەنيىڭ «تىنچلىق قۇشى»نى كەشتىلەۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسىرىمگە «تىنچ، گۈللەنگەن دەۋر» دېگەن گۈزەل مەنىنى بىلدۈرىدىغان نام قويدۇم.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ئاستا ـ ئاستا يېيىلماقتا.
5000 يىللىق مەدەنىيلىكنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشى مۇقەررەر ھالدا مەنبەنى ئاساس قىلىش، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىش بولۇپ، بۇ مۇقەررەركى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قەدىمكىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقىنى ئوزۇقلاندۇرۇشى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئېھتىياجلىق.
ئاپتوموبىل سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىدىن ئايرىلدى، يىراقتىن قارىغاندا جىنجى كۆلى بويىدا «شەرق دەرۋازىسى» ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. «ئېگىز بىنالار جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەد كۆتۈرگەن پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك» − باش شۇجىنىڭ ئىلگىرى قىلغان بۇ سۆزى قۇلاق تۈۋىمىزدە قايتا ياڭرىدى.
«شەرق دەرۋازىسى»دىن ئۆتكەندە، تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى بىر ـ بىرىنى جۇلالاندۇردى، دولقۇن شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ ھەممە يېڭى تۈسكە كىرگەن ھەيۋەتلىك قىياپەت گەۋدىلەندى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سۇجوۋ، 7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)