شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ چۇنلىن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكومى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ ئىلىم ـ پەن ئۇچۇر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق مەكتەپلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى، كەسىپ تەسىس قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ھەم رايون خاس كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت