ئەركىن تۇنىياز كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى
نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن 4 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچلۈك قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك» روھى بىلەن كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نېفىت، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، رەڭلىك مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پۇرسەت مەزگىلى، ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق مۇھىم ئامىللىق كاپالەت، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، باغچە رايونىنى يېتەكچى كەسىپلەرنى پەرقلىق يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، تاشقى سېلىنما ھەمكارلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمى ۋە شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە بولغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى ئالدى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا توپلىنىشقا يېتەكلەپ، ئاقسۇ ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار سىياسىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولغان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلاشقان ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى پائال قوشۇش كېرەك. ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش، تەڭشەش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش ـ سېتىش ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرىدىغان، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولىدىغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاشلىق، ياغ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاشلىق، ياغ كەسپى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭ تىپتىكى ئاشلىق كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار ئالىي تېخنىكومى ۋە مەكتەپلىرى، كەسپىي ئالىي تېخنىكوم ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى توردا بېجىرىش، ئالقاندا بېجىرىش، ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت، ليۇ سۇشې، قەيسەر ئابدۇكېرىم ئايرىم ـ ئايرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.