شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«داغدام يولدا يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن ھەممە قول تۇتۇشۇپ يىراققا يۈرۈش قىلىش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈگۈنكى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماس كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىدۇ».

7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا رايونىغا يۈزلىنىپ قوللانغان بىر تۈرلۈك مۇھىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ھەرىكىتى.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا بەش نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى جاكارلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق، مۇقىملىق قوشۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىجىل تۈردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش

10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 10 يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا.

«بۇ جەرياندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، <شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى.» سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ مۇساپىنى بەش جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلىدى −

«بىز ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلدۇق» «بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق» «بىز ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇردۇق» «بىز ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلدۇق» «بىز خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇردۇق».

جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا ـ ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دىڭ شياۋشىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىن قارىغاندا، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى؛ رايون قاتلىمىدىن قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئايلاندى، بۇ دەل ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. رەئىس شى جىنپىڭ «دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىش» دېگەن سۆز ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە جارى قىلدۇرغان رولىغا دەل جايىدا باھا بەردى.

جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى دېڭ خاۋ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ خۇلاسىلىگەن بۇ بەش جەھەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى نامايان قىلدى. ئۆتمۈشنى ئەسلەش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر، ھازىرقى مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرىلەشتەك ئەسلىي مەقسەتنى تېخىمۇ ئەستە چىڭ ساقلاپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئىراننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت دەپ رەسمىي قوبۇل قىلدى ھەم بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئىمزالاشنى تەستىقلىدى، شۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى توققۇزغا كۆپەيدى. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى، تەرەققىيات مەنزىلىنىڭ كەڭ، ياخشى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

جۇڭگو رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لى يۇڭچۈەن مۇنداق قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل ـ ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ» بولماستىن، بەلكى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان «چوڭ ئائىلە» ئىكەنلىكىنى، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭىچە خەلقئارا تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئىشىنىمىزكى، يېڭى ئەزالارنىڭ قوشۇلۇشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاكتىپ تەسىرنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.

رول تۇتۇپ يول باشلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش

بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىتتىپاقلىشىش كېرەكمۇ ياكى پارچىلىنىش كېرەكمۇ؟ تىنچ ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى توقۇنۇشۇش كېرەكمۇ؟ ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟

دەۋرنىڭ سوئالى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قەتئىي جاۋاب بەردى −

«ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ ئىنتىلىشىمىز، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتەك دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ».

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن جۇاڭجى مۇنداق بىلدۈردى: قانچىكى داۋالغۇش، ئەنسىزلىك ۋەزىيىتىدە تۇرغانسېرى، تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە شۇنچە ئېنىق ھۆكۈم قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا قويۇق تۇماننىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماي، قىيىنچىلىقنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماي، بىر دۆلەت، بىر خەلقئارا تەشكىلاتنى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ھەم تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، ھەم مىسلىسىز خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلدى.

«بىز دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە بەش نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى −

«توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» «رايون تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش» «دىققەتنى ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى تېزلىتىش» «ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» «كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش».

لى يۇڭچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، ئورتاق خەۋپسىزلىك ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيلىكنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشمۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىغا پايدىلىق.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۈن جۇاڭجى مۇنداق بىلدۈردى: ئۈچ چوڭ تەشەببۇس جۇڭگو دۇنيانى تەمىنلىگەن مۇھىم ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈچ چوڭ تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاكتىپ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قارىتا مۇھىم ئىجابىي تەسىرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشقا پايدىلىق.

دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش

بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. «بىرلىكتە دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان بۇ بەخت يولىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراقلارغىچە ياسايلى.» رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئارزۇسىنى مۇشۇنداق ئىپادىلىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەھەتتە قەدەمنى بالدۇر تاشلىدى، چوڭقۇر ھەمكارلاشتى، كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق ياخشى قۇرۇش كېرەك، بۇ بىزنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشىمىزدا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ» «جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى <بىر بەلباغ، بىر يول>دىكى بايراقدار تۈر، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يولى، شۇنداقلا تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ھەمكارلىق يولى» «جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ھەم مۇشۇ ئاساستا كۆپ لىنىيەلىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تەتقىق قىلىش»... يىغىنغا قاتناشقان كۆپلىگەن رەھبەرلەر جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ئاكتىپ ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

دېڭ خاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بىر قاتار ئەمەلىي، مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسىنى قوزغاتتى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى جانلاندۇردى. خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ئىبارەت «قوش چاقلىق قوزغىتىلىش»تىن «تۆت ئورتاق گەۋدە»گە قاراپ تەڭ ئىلگىرىلەشكىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا ماڭدى، بۇ جەرياندا، جۇڭگو ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر قاتار ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى جاكارلىدى −

«بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىش ئۈلۈشىنى كېڭەيتىش» «بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش» «ياش كەسپىي دېھقانلارغا كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش» «كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى خەلقئارا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان 1000 سان ۋە <خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى> يازلىق لاگېرىغا قاتنىشىدىغان 3000 سان بىلەن تەمىنلەيدۇ، 100 نەپەر ياش ئالىمنى جۇڭگوغا كېلىپ پەن تەتقىقات جەھەتتە ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ» «جۇڭگو تەرەپ يەنە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ»...

دىڭ شياۋشىڭ مۇنداق دېدى: بۇ تەشەببۇس ۋە تەدبىرلەر خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد ـ سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەم ئۇزاق كەلگۈسى كۆزلەنگەن، ھەم ئەمەلىي، قوللىنىشچان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، بۇ قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولغان جۇڭگو تەرەپنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ يېڭى دېھلى خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى بايانات، رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدىكى باياناتنى ئورتاق ئېلان قىلدى، ئىرانغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنىنى بېرىش توغرىسىدىكى، بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتىكى مەجبۇرىيەت ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاش توغرىسىدىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار قارارلارنى تەستىقلىدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باشلىقلار يىغىنىدا بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھلىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

(مۇخبىرلار جېڭ مىڭدا، شۈ كې، چېڭ شىن، دۇڭ شۆ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت