ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سىنلىق يىغىنى ئاچتى
بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سىنلىق يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 -، 5 -، 6 -، 7 -، 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئالاقىدار ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى تەھلىل قىلىنىپ ۋە ھۆكۈم قىلىنىپ، مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەر تېپىپ چىقىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياخشى تۇتۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە مەسىلىلەرنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىكنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كانلاردىكى مەسىلە، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزىتىشنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كانلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى رايون، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردا يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تۇڭلۇق سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي باشقۇرۇش خىزمىتىنى قاتتىق تۇتۇپ، يوللاردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش بىلەن قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شوپۇرلارنى، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇشنى باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشتىكى بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش نەق مەيدانى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا قۇرۇلۇش قىلىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.