شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

بايىنغولىن ئوبلاستى:

دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش − تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەنبە ئېقىن سۈيى. 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 412نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، 19 مىليارد 590 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرگەن، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.01 ئاشقان.

پەيتنى قولدىن بەرمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «مېھمان» تەكلىپ قىلدى. بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى زىيارەت قىلدى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ تونۇشتۇردى، ناھىيە، شەھەرلەردىكى كىچىك ئەترەتلەر نۇقتىدا تۇرۇپ دەل جايىدا سودىگەر چاقىردى، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىردى... بۇ يىلدىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى دىققەتنى نېفىت خىمىيە سانائىتى، كان ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى بايىنغولىن ئوبلاستىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ، زەنجىرنى كۈچەيتتى، زەنجىرنى تولۇقلىدى. «بىز كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، خەرىتىسىنى سىزىپ، <بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈر قوللانمىسى> <بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەتلىرى توپلىمى>نى رەتلەپ شەكىللەندۈرۈپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇردۇق.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دۇەن شۆپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تولۇقلاش شەكلىدىكى، بوش ئورۇن تولدۇرۇش شەكلىدىكى سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنى بىلەن توغرا لىنىيەلىك بىرلىشىشى، تىك لىنىيەلىك بىرىكىشىنى قوللىدۇق.

سودىگەر چاقىرىپ ئەكىرىش − ئاساس، ماكانلىشالايدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش − ئاچقۇچ. كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ پىڭنىڭ مۇنداق دېدى: «سىز قىلىمەن دېسىڭىزلا، رەسمىيەتنى مەن بېجىرىمەن»، كارخانىلار ئەمدى رەسمىيەتلەرنى ئۆزى بېجىرمەيدۇ، مەخسۇس بەن پۈتۈن جەريانلىق ۋاكالىتەن بېجىرىپ، كارخانىلارنى ئاز قاترىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ سەمىمىي قىلىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

«مەيلى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ياكى مۇلازىمەت قىلىشتا بولسۇن، ئېھتىياج بولسىلا ھۆكۈمەت جەزمەن قاندۇرىدۇ.» نىڭبو جۇڭمەي توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 4 - ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان بولۇپ، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: تۈردە ئورۇن تاللاشتىن قۇرۇلۇش باشلاشقىچە پەقەت ئون كۈنلا ۋاقىت سەرپ قىلدۇق، «شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ھەربىر تۈرىمىز ئۈچۈن بىردىن مۇلازىمەت مەخسۇس بەنى سەپلەپ بەردى، قىيىنچىلىق بولسا ئۇلارنى ئىزدەيمىز، كارخانا ئۇياق - بۇياققا قاتراپ يۈرمەيدۇ».

بايىنغولىن ئوبلاستى چېنگۇاڭ ئۆسۈملۈك ئاقسىلى چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان 350 مىڭ توننىلىق چىگىت پىششىقلاش تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى ئالدىراشلىققا چۆمگەنىدى، بۇ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىگە جەمئىي 455 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مو بولۇپ، فېنولسىزلاندۇرۇلغان چىگىت ئاقسىلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەم قوشۇمچە ئەسلىھەلەر قۇرۇلىدۇ.

«كارخانىلار مەبلەغ سېلىشتا مەبلەغ سالىدىغان جاينىڭ رايون ئورنى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.» بايىنغولىن ئوبلاستى چېنگۇاڭ ئۆسۈملۈك ئاقسىلى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خۇڭمىن مۇنداق دېدى: بۇ جەھەتتە بايىنغولىن ئوبلاستى كارخانىلارنى تولىمۇ خاتىرجەم قىلدى، كۆڭلىنى تىندۇردى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ مېيكې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 5 - قارارلىق يىلىغا 100 مىڭ توننا BDO (4 ،1 − بۇتاندىئول) ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، كىران، توشۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى جىددىي، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. BDO ئورگانىك ۋە تۈجۈپىلىك خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ «نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق» كەسپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىشىنى يېتەرلىك خام ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭ جىسۇن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ 120 مىڭ توننا لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، كورلا خۇيتۇڭتەي گۈل بېسىش - بوياش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 10 مىڭ توننىلىق ئىلمە توقۇلما رەخت بوياش 2 - قارارلىق كېڭەيتىش تۈرى، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور ئېلېكتىر سانائىتى لوۋلەن يېڭى ماتېرىيال تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى...

يېڭى تۈرلەر بايىنغولىن ئوبلاستىدا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قىزغىن ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئاساسىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، كەسىپ سېلىنمىسى ۋە پۇقراۋى كاپىتال خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى، زاپاس تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى، يېڭىدىن ئىش باشلاش نىسبىتى، سېلىنمىنى تاماملاش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بىر تۈركۈم تۈرلەردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشتى، تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت