شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا سۈپەت ئاساسى سېلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەتتە كۈچلۈك رايون خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا سۈپەت ئاساسى سېلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەتتە كۈچلۈك رايون خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2023 - يىللىق 1 - ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۈپەت تەرەققىيات مۇھىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەت قەدىمىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۈپەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا سۈپەت ئاساسى سېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەھسۇلات سۈپىتى، سۈپەت بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، مۇھىت شارائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كەسىپ ئۆلچىمى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئەنئەنىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يېتەكچى مەھسۇلاتلىرى، ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھازىرقى تېخنىكا ئۆلچىمىگە تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر سىگنال بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، نۇقتىلىق تۈزەش، قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. سۈپەت سەمىمىيەت سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەت ئىناۋىتىنى دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ئەلالىرىنى يۆلەش، ناچارلىرىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ماكرولۇق سۈپەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «ئەلالىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە پاتېنتلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ماركىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ سۈپىتى»نى كۈچەپ يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركا ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «باش سۈپەت ئەمەلدارى» «سۈپەت ئاقىللىرى»نى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىستېما تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «يەرلىك ھۆكۈمەت ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، ساھەلەرگە مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، كارخانىلار بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولىدىغان» مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «ھۆكۈمەت تۈرتكە بولىدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، كارخانىلار تەشەببۇسكار بولىدىغان، جەمئىيەت ھەمتۈرتكە بولىدىغان» خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈپەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت