شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى كۈندە ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 6 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

18 - نۆۋەتلىك قازاقىستان − جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى ئالمۇتادا باشلاندى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى كۈندە ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 6 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئالمۇتا، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 18 - نۆۋەتلىك قازاقىستان − جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا باشلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، شەنشى، جېجياڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرى ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 200دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. كۆرگەزمە ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 6446 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

قازاقىستان − جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى 2003 - يىلىدىن باشلاپ 17 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، مەزمۇنى كۈنسېرى بېيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىرقەدەر يۇقىرى تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە بولۇپ، پەيدىنپەي جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا ئايلاندى.

كۆرگەزمە باشلانغان تۇنجى كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان ئىقتىساد - سودا مەبلەغ سېلىش كېڭىشىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستان تەرەپ بىلەن مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن جەمئىي 36نى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 6 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولدى، بۇلار ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت - ساياھەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش قاتارلىق خاس ئەۋزەل ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سودا ئىدارىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلار ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ سىياسەت مۇھىتى، ئەۋزەل كەسىپلىرى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ۋە (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى.

شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قازاقىستاننىڭ ئىككى ئېنېرگىيە كارخانىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ھەمكارلىق تۈرى، خام نېفىت ھەمكارلىق تۈرى قاتارلىقلارنى ئىمزالىدى ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك رامكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. «كېيىنكى قەدەمدە كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز.» بۇ شىركەتنىڭ ئېنېرگىيە بۆلىكىنىڭ مەسئۇلى دېڭ شىجيې مۇنداق بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

كۆرگەزمىنىڭ سۇپىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يەنە ئوخشاش مەزگىلدە جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان كارخانىلىرىنىڭ سودىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى، «بۇلۇتتا ئايلىنىش» شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى، «يىپەك يولىدىكى نەپىس كىيىملەر»، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك كىيىم - كېچەك ماركىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇش، باھالاش پائالىيىتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داكا قىلىش بويىچە تامغا توپلاش پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەرنىڭ قاتنىشىش تۇيغۇسى ۋە ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم جۇڭگو شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆرگەزمە قىلىش كۆلىمى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار سانى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملار سانى ۋە كۆرگەزمە مەزمۇنىغا چېتىلىدىغان كەسىپ سانى جەھەتتە بىردەك تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى پۇرسەتنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، «سىرتقا چىقىرىش»نى تېخىمۇ ياخشى قىلىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت