شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جا ۋيەن، خې مېڭشۇ، جۇ رۇيچىڭ

ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ شەھەر نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات، شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەزالىرىنىڭ زېمىنى ئەڭ كەڭ رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر«شاڭخەي روھى»دا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلىدى.

«شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇل سېلىپ ئاساسنى پۇختىلاش

«بىز داۋاملىق <شاڭخەي روھى>نىڭ يېتەكچىلىكىدە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىز بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا ئاتلىنايلى».

بەش يىل ئىلگىرىكى خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەنى تىكلەش» چىڭداۋ خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئورتاق تونۇشى ۋە تىرىشىش نىشانىغا ئايلاندى.

«ئىلگىرى بىز <شاڭخەي روھى>نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنىدۇق، كەلگۈسىدە بىز يەنە <شاڭخەي روھى>غا ئەمەل قىلىپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».

قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار سەمەرقەنتتە بىر يىل ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور يەرشارىۋى خىرىس ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «جۇڭگو لايىھەسى» ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

جۇڭگو تەرەپنىڭ تەرەققىيات قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، ھەمكارلىق قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن «سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى» «خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى» «تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى» «ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشقىچە، يەنە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاساسىي مەقسىتىنى بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشكىچە... رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر «شاڭخەي روھى» ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش تارىخى ئۇزاق، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئوخشاش، تەقدىرى زىچ باغلانغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى»نى كېڭىشىپ ئىمزالاشتىن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، يەنە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە... رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

دەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ مىڭ ئېيتقاندەك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوخشاش بولمىغان رايوندىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئەنئەنىسىگە ۋە ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئىگە دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى، بۇ، «شاڭخەي روھى»نىڭ پايدىسىدىن بولدى. «شاڭخەي روھى» بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھاياتلىق مەنبەسى ۋە تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېتەكچىلىك قىلىش

دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ئىبارەت «قوش چاقلىق قوزغىتىلىش»تىن «تۆت ئورتاق گەۋدە»گە قاراپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، دىققەتنى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا ماڭدى.

خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى. ھەمكارلىشىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، زەھەرنىڭ تارقىلىشىنى ئورتاق توسۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، ھەر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشقىچە، يەنە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى − ئافغانىستان ئالاقە گۇرۇپپىسى»، ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى خەۋپ - خەتەرلەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەلىي ھەمكارلىقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. 2013 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى دۆلەتلەر تۈر ھەمكارلىقىدىن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا كېڭەيدى، رايون ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ماس تەرەققىياتى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولدى.

بۇلتۇر 9 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كېڭەشتى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن ياۋروپا − ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى تىرانسپورت چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى پىلانلىدى، مۇكەممەللەشتۈردى... ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىگە چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى.

جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ۋە جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - رۇسىيە خام نېفىت تۇرۇبىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دائىملىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتنىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا يول، نېفىت - تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە تۆمۈريولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال ئۇل ئەسلىھە تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلاشتى. يېقىندا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېز لىنىيەسى» تاۋار پويىزى پۈتۈن پويىز مەخسۇس لىنىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىدىن يولغا چىقتى، مەنزىلگاھى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت بولۇپ، ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنايدىغان «پولات كارۋان»غا يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى.

كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش

يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسى تىكلەش

ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئىمزالاش؛ بېلارۇسىيەنى ئەزا دۆلەت قىلىپ قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى قوزغىتىش؛ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتارنى تەستىقلاش، بەھرەيىن، مالدىۋې، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، بىرمىنى يېڭى سۆھبەت ھەمراھى قىلىشقا قوشۇلۇش... بۇلتۇر 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئەزا كۆپەيتىشنى كۈتۈۋېلىپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ ھاياتىي كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئەزا كۆپەيتىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ» بولماستىن، بەلكى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان «چوڭ ئائىلە» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

«بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى>گە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقى، تەرەققىيات مەنزىلىنىڭ كەڭ، ياخشى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلىدى.» رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا كۆپەيتىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى مۇشۇنداق بايان قىلىپ چۈشەندۈردى.

تىل يىلى، مەدەنىيەت يىلى، ساياھەت يىلى، ياشلار بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى لۇبەن ھۈنەرخانىسى تاجىكىستانغا كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۈزلۈكسىز يەتكۈزدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق دەرىخى بۈك - باراقسان ئۆستى. «مۈشۈكئېيىق قېنى»نى ئىئانە قىلغان رۇسلان، «مەن چەت ئەللىك، لېكىن يات ئادەم ئەمەس» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن سانسىزلىغان جۇڭگولۇقنى تەسىرلەندۈرگەن ما ۋېنشۇەن، 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگودا دوختۇرلۇق قىلىشتا چىڭ تۇرغان قازاقىستاننىڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى كاپېرابېكوف... بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا گۈزەللىكتىن بەھرىلىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئىللىق چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئەڭ دەسلەپكى ئالتە ئەزا دۆلەتتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى 26 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىپ يېڭىچە خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلاندى، ئىدېئولوگىيە، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات يولىدىكى پەرقلەردىن ھالقىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسى تىكلەپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا مۇھىم كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن ئىبارەت پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغان بۇ مەيدان ئاممىۋى ساغلاملىق كىرىزىسى ئالدىدا، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ھەمنەپەس، تەقدىرداش» بولغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى مۇجەسسەملىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ئاساسىي قۇرۇلۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، خەلقئارا ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. كىرىزىس ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

دەۋر دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا − ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت