شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھېكايىلىرى»
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھېكايىلىرى»

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھېكايىلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 3 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى خىزمەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلىدىغان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى.

خۇتوخې دەرياسى بويى، تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسى، نەنخەي دېڭىزى ساھىلى، قارلىق ئېگىزلىك ... يېزا چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسىغىچە، يولداش شى جىنپىڭ بۇ مۇساپىدە، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇمىدى، قەدەم ئىزلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقالدى، سىيماسى كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىق قالدى، پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئەڭگۈشتەر − «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى، تەكشۈرۈش بولمىسا، سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى تېخىمۇ بولمايدۇ»؛ ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش سەنئىتى − «چوقۇم راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ساقلاپ، تىرىشىپ چوڭقۇر بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىنچىكە بولۇش، دەل جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك»؛ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى − «مۇھىمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە قاراش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قاراش، مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك»؛ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ يولى − «ئاممىۋى قاراشتا چىڭ تۇرالىدىمۇ يوق؟ ئاممىغا يېقىن بولالىدىمۇ - يوق؟ بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىر خىل ناھايىتى مۇھىم ئۇسۇل».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، تۈگۈننى تۇتۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن خىزمەت ئۇسۇلى.

ھەر قېتىملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر قېتىملىق ئۆزى ئىزدىنىپ بىلىم ئىگىلەشتۇر. پەقەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت كوممۇنىستلارنىڭ بۇ ئېسىل ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، ئاندىن «جۇڭگونى بىلىش»نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، «جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىش»نى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يول ئېچىش» ئارقىلىق مەسىلىنى بايقاپ، دۆلەت ئەھۋالىنى تونۇپ، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن پارتىيەگە جانلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى دەرسى ئۆتتى.

نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو زېمىنىدا پۇختا قەدەم ئىزىنى قالدۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، بۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان چوڭقۇر مۇھەببەت. ئونمىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەش سالاپىتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت