پارتىيە ئەزاسى 98 مىليون 41 مىڭ نەپەر، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى 5 مىليون 65 مىڭ
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى
ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 98 مىليون 41 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 329 مىڭ نەپەر ساپ كۆپەيگەن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 5 مىليون 65 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 129 مىڭ ساپ كۆپەيگەن. 100 يىللىق بوران - چاپقۇن ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولدى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى كۈنسېرى پۇختىلاندى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.
پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تەكشى، مۇقىم ئاشتى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %1.4 ئاشتى. 2022 - يىلى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىلغارلار بەس - بەستە پارتىيەگە كىردى، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 2 مىليون 449 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار، 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر، ئاياللار، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا %51.4، %81.2، %45.5، %10.5نى ئىگىلىدى، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 1 مىليون 288 مىڭ نەپەر بولدى.
پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 53 مىليون 654 مىڭ نەپەر بولۇپ، %54.7نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسى 29 مىليون 302 مىڭ نەپەر بولۇپ، %29.9نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 445 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.6نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %33.3ىنى ئىگىلىدى.
پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا 1 مىليون 284 مىڭ قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى 5 مىليون 101 مىڭ ئادەم قېتىم مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلىدى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، 3198 يەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، 4 مىليون 370 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇردى، 4 مىليون 451 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى بەلگىلىمە بويىچە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پارتىيە ئىچىدىكى تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 98 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى، 557 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، 141 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى. «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالى تارقىتىش خىزمىتى دائىملىشىش ھالىتىگە ئۆتۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا 995 مىڭ دانە تارقىتىلدى.
ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتىدىن 289 مىڭى، باش ياچېيكىدىن 320 مىڭى، ياچېيكىدىن 4 مىليون 456 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 11 مىڭى، 4000ى، 114 مىڭى كۆپەيدى، تەشكىلىي جەھەتتە تەسىس قىلىش تېخىمۇ ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، 490 مىڭ نەپەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار %42.5نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلىققا سىجىل تۈردە كۈچلۈكلىرى ئەۋەتىلدى، ياخشىلىرى ئىشلىتىلدى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى 211 مىڭ نەپەر. شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولى ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسى سىجىل كۈچەيتىلدى. ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى يۈكسىلىش بولدى.