شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەيلى
يوللانغان ۋاقىت :2023-07-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

شەرقتە ھەيۋەتلىك دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغىدى. بۈگۈن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىغان، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ بۇرچنى زىممىگە ئالغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتتە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە.

تاغ - دەريالار گۇۋاھ، يىللار ئىسپات بولدى. 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش، دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، رەزىللىكتىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن بۆسۈپ چىقىشنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككىنچى جاۋابىنى تېپىپ چىقتى، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيەمىز ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

تارىخ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى؛ تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىمۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى چوڭقۇر ئاساسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش مۇقەررەر يول. بۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ئېرىشكەن قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز، بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەڭگۈشتەر.» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ئۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ يول، بىز «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بەرسەكلا، چوقۇم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتەلەيمىز.

يېڭى نىشانغا قاراپ، جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلىنىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى.» چىگىش - مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، تۈرلۈك ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بېكىتىشتىكى ئاساسلىق ئويلىنىشى. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۈرەش نىشانىنى شۇنچە چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋار كۈچنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تولۇق، كۈچىمىز يېتەرلىك. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، داۋاملىق ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش - تاپشۇرالماسلىقتىكى ئاچقۇچ مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچنىڭ بار - يوقلۇقىدا. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيمىز. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەلكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگەندىلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، كۈرەش قىلىش مۆجىزە يارىتىدۇ. باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرغاندىلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، بىز ئىمتىھانغا بېرىشتىكى سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىگەن پارتىيەنىڭ ئاساسى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ؛ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان پارتىيەلا ھەممىدە غالىب كېلىدۇ. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك، جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسى، مەڭگۈلۈك تېمىسى قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل - كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ چېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

كەلگەن يولىمىزنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردۇق، نۇرغۇن شان - شەرەپ قازاندۇق. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر تاشلىساق، ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. ھازىر، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت