شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۇلۇغچات، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، چېگرا بىرىنچى سېپىگە، پورت باغچە رايونىغا، كارخانا سېخلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى قوللاش سىياسەت - تەدبىرلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بەدەل تۇر، بەدەل تۇر سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. ئاقچى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ زىجىن رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باشقۇرۇش، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز بەدەل پورتىنىڭ ئورنىنى تاللاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم دېڭىز يۈزىدىن 4269 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بەدەل جۇڭگو - قىرغىزىستان چېگراسىدىكى 3 - نومۇرلۇق چېگرا تېشىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا تېشىدىكى خەتنى قىزىل رەڭدە بويىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پورتنى يۇقىرى سەۋىيەدە پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى قۇرۇپ، پورت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى «يېڭى نام كارتىسى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى، چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، چېگرا مۇداپىئە ليەنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ئىزچىل ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

تورغات پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز پورتنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە پورت تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئەركەشتام پورتىدىكى دۆلەت دەرۋازىسى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودا سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز يەنە «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدو، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» ۋۇ دېڭيۈننى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى ھەقىقىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ئەڭ زور چەكتە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پورت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت، پىششىقلاش كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پورت قۇرۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ ئىقتىسادىغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت