شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر! «جۇڭگو شەھەر گاۋتيېسى بىرىنچى تونېلى» قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى!
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

   6-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 7دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجوۋ شەھىرى سانائەت باغچە رايونى ۋېيتىڭ كوچىسى ياڭچېڭخۇ كۆلى بويىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىسىنىڭ توپا قاتلىمىنى قېزىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن شەھەر گاۋتيېسى تونېلى ____ نەنتۇڭ-نىڭبو گاۋتيېسىنىڭ سۇجوۋ شەرقىي تونېلى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوچۇقچىلىقتا كولىنىدىغان بۆلىكىنىڭ ئۇل ئازگىلى قېزىلدى، بۇ ھەم نەنتۇڭ-نىڭبو گاۋتيېسىدا قېزىلىدىغان پۈتۈن لىنىيەدىكى تۇنجى ئۇل ئازگال ھېسابلىنىدۇ.

   نەنتۇڭ-نىڭبو گاۋتيې لىنىيەسى يەنچېڭ-نەنتۇڭ گاۋتيېسىنىڭ نەنتۇڭ غەربىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجوۋ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ شەھىرى، نىڭبو شەھىرىدىن ئۆتۈپ، نىڭبو تۈگۈنى بولغان نىڭبو ۋوگزالىغا كىرىدۇ، يېڭىدىن ياسىلىدىغان لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 301 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر، قۇرۇلۇش مۇددىتى بەش يىل. پۈتۈن لىنىيەدە نەنتۇڭ غەربىي، جاڭجياگاڭ، چاڭشۇ غەربىي، سۇجوۋ شىمالىي، سۇجوۋ جەنۇبىي، جياشەن شىمالىي، جياشىڭ جەنۇبىي، خەييەن، سىشى، جۇاڭچياۋ قاتارلىق 10 ۋوگزال تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭشۇ غەربىي، سۇجوۋ جەنۇبىي، جياشەن شىمالىي، خەييەن، سىشى قاتارلىق بەش ۋوگزال يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ۋوگزال، قالغانلىرى ھازىر بار بولغان ۋوگزاللار.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت