شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يارىتىش كېرەك.

ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، قانداق قىلغاندا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يارىتىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا زىيارەت قىلدى.

يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش

يېڭىلىق يارىتىش «كۈچلۈك موتور»ىنى قوزغىتىش

مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى يۇقىرى تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاش، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى، شۇنداقلا ئىلىم - پەن ئالدىنقى سېپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك سۇپىلارنى يېتىلدۈرۈش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىياللىرى ۋە باتارېيە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى تەستىقلاندى... پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋاسىتىسىنىڭ تىرەك بولۇش، يېتەكلەش ۋە تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، كەمتۈكلۈكلەر يەنىلا مەۋجۇت. دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ سانى ئاز، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس؛ «ئىككى رايون»نىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، ئاساسلىقى پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى ۋە ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك كارخانىلارغا تارقالغان بولۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك بىرقەدەر ئاز...

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، دۆلەت شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ، بىڭتۇەنگە ماسلىشىپ، دۆلەت كېۋەزچىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرىدۇ؛ شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلىرى، كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركەزلىرى، دالىدا ئىلمىي كۆزىتىش - تەتقىقات پونكىتلىرىنى ئەلالاشتۇرىدۇ، يېڭىدىن قۇرىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى ئورتاق قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ بالدۇرراق تەستىقلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى يېتىشتۈرىدۇ؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق قاپلىشى قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

«بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش <كۈچلۈك موتورى>نى قوزغىتىمىز» دېدى ۋاڭ چېڭ.

يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسىنى زورايتىش

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش

شىنجاڭ تيەنشەنخۇڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى 2022 - يىلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا دەپ بېكىتىلگەن، بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ خەيپىڭ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا» بولۇپ بېكىتىلگەنلىكىمىز تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كارخانىمىزنىڭ داڭلىق ماركا يارىتىشى، بازار ئېچىشى، زورىيىشى، كۈچىيىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى.

2022 - يىلى، شىنجاڭ تيەنشەنخۇڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا» دەپ بېكىتىلگەن كارخانىدىن يەنە 639ى بار؛ ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 1368گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.4 ئېشىپ، سان ۋە ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

«ھالبۇكى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە.» ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ تۈپ سانى كىچىك بولۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار قۇرغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئاز بولۇش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك، سىياسەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا جەھەتتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ بىرقەدەر زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ئۈچ جەھەتتىن نۇقتىلىق كۈچەيدۇ: بىرىنچى، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا قارىتىلغان «ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق بولۇشى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ كۈچىيىشى»دىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق، باسقۇچقا بۆلۈنگەن، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ؛ دۆلەت ئىلكىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ؛ پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ باشلامچى بولۇپ بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىلىرىنى قۇرۇشىنى قوللاپ، يۇقىرى، ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرىگە ئىگە كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئىككىنچى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا قارىتىلغان تاپاۋەت بېجى جەھەتتە ئېتىبار بېرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىنى ئېلىشنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 420نى ساپ كۆپەيتىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ۋاسىتىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، باشلامچى كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىنىڭ بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرىدۇ.

ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يەنە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش

ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق. دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ھازىرغىچە، بۇ يىل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىشقا ئاشۇرغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ چىڭخۇي مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئاساسلىقى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنىڭ تولۇق قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن بولدى، يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق پەن تەتقىقات جەريانىدا دۇچ كەلگەن نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، يۇقىرىغا چىقالايدىغان، تۆۋەنگە چۈشەلمەيدىغان بولۇش، داش قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

ۋاڭ چېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش، ئىختىساسلىقلارنىڭ رايونلارغا تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلالايدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالالايدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى تېخى ئەلالاشتۇرۇلماسلىق قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالاھىدە قوللاش پىلانى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» «تىيانشان يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى» قاتارلىق ئىختىساسلىقلار تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىنىڭ كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ نۇقتىلىق كەسىپلەردە قىس بولۇۋاتقان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى توپلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈشنى تېزلىتىدۇ؛ پەن - تېخنىكا ساھەسىدە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ سىرتىدا «ئىختىساسلىقلار ئۆتۈشمە يېرى» تەسىس قىلىشىنى قوللايدۇ؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يەنە شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى (تېخنىكا) سودا مەركىزىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلارنى ھەر تەرەپلىمە تېخنىكا يۆتكەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى، ئايلاندۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش پايدىسىنى تەقسىملەش قاتارلىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالالايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت