شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ ۋېيشىڭ، خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، يەن شياۋتيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس جاڭ ۋېيشىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم قۇرۇلتايدا سۆز قىلدى.

جاڭ ۋېيشىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىپ، مېيىپلەرگە ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرگە ئالاقىدار خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. سىجىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مېيىپلەرگە بەخت يارىتىپ، مېيىپلەرنىڭ يېقىن سىردىشى بولۇش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، مېيىپلەرگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش كېرەك. بىر مەقسەت - بىر يۆنىلىشتە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولنى جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، مېيىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، تۆھپىكارلىرى ۋە ئورتاق بەھرىلەنگۈچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى قۇرۇلتايغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

قۇرۇلتايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 7 - نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 8 - نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 8 - نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە، ليۇ سۇشې ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 8 - نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، شيا جيەنشىن ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 8 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ كېڭەش باشلىقلىقىغا سايلاندى. قۇرۇلتايدا يەنە ئاپتونوم رايوندىن جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى.

لى نىڭپىڭ، ليۇ سۇشې، لى شۈ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت