شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لەنجوۋ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شياۋجيې، بېيجىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گۇڭ چىخۇاڭ، جېجياڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن شاۋبو ۋە بىر قىسىم نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يافېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، مەكتەپ بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. غەربىي شىمال دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق پەن - تېخنىكا داشۆسى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسى، خېخەي داشۆ، خېفېي سانائەت داشۆسى، نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، خۇابېي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى داشۆسى، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسى، چاڭئەن داشۆ، جياڭنەن داشۆدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەردىكى كۆرۈشۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار يولداشلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتتى. ئالىي مەكتەپلەر ئەقلىي كۈچ يۈكسەك دەرىجىدە توپلانغان مۇھىم بايلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تايانچى. ئۇزاقتىن بۇيان، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ياردەم بەردى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئورنى مۇھىم، ئەۋزەللىكى روشەن، ھازىر جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ ياشنىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە كىرگۈزۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەكتەپ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىلمىي تەتقىقات ھەمدە شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپلەر بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، پائال نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى، پەن تەتقىقات سۇپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

جاڭ جۇ، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، شۈ شيەنيى قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت