□قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى گاڭ
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتقان مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملىگەن، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەنگەن بىر قېتىملىق يىغىن، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئاساس سالىدىغان، يۆنىلىشنى بېكىتىدىغان پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئومۇمىي يىغىن خىزمەت دوكلاتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە زىچ چۆرىدىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەۋقە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت پۇرسىتىگە قويۇلۇپ، سەككىز جەھەتتىكى مەسىلە، ئالتە جەھەتتىكى ئەۋزەللىك تەھلىل قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پىلانلىنىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولغان بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
ئومۇمىي يىغىندا يەنە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات چوڭقۇر بايان قىلىندى − «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ ئىكەنلىكىنى؛ ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى؛ ۋاقىتلىق، بىر ئىشقىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك تەلەپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش» بىزنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىپ، بىزنىڭ شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز ئۈچۈن قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
قاراماي شەھىرى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ قاراماي شەھىرىدە جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولىدۇ.
ھازىر، قاراماي شەھىرى بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى بىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، پىكىر يولىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بىزنىڭ «بىر ئاساس، كۆپ مەنبە»لىك تەرەققىيات پىكىر يولىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.
بۇنىڭ ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى (ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنىدىكى قاراماي شەھىرى توغرىسىدىكى ئورۇن بېكىتمىسى، تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايون قاراماي شەھىرىگە يۈكلىگەن «ئىككى رايون» (دۆلەت دەرىجىلىك بايلىق مول توپلانغان رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى) قۇرۇشتىكى ئورۇن بېكىتمىسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا قاراماي شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىپ، پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە ئاساسىي شارائىتقا قويۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپى «بىر ئاساس» قىلىنغان، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەر «كۆپ مەنبە» قىلىنغان «بىر ئاساس، كۆپ مەنبە»لىك زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ ئىلمىي تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىدە قاراماينىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، قاراماي تۆھپىسىنى قوشىدۇ.
بىرىنچى، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا قويۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيەدىن ئىبارەت بۇ «ئاساسىي كەسىپ»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى جەھەتتە زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، نېفىت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سېلىنما، مەھسۇلات مىقدارى، چەككىلەش مىقدارى ۋە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان سانائەت چوڭ تۈرلىرىنىڭ قاراماي شەھىرىدە ماكانلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يىل نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتىنى 19 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى، پىششىقلىنىدىغان خام نېفىتنىڭ 14 مىليون توننىدىن كەم بولماسلىقىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز. دۆلەت نېفىت خىمىيە كەسىپ بازىسىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشكەن خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئولېفىن، ئارېن كەسىپ زەنجىرىدە زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىشتا يېڭى بۆسۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.
ئىككىنچى، بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشتىكى تارىخىي بۇرچىنى كۆزلەپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق «كۆپ مەنبە»لىك كەسىپ يېڭى شامال ئېغىزىنى چىڭ تۇتىمىز. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قاراماي ئەۋزەللىكى، خاسلىقىغا ئىگە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئېنىرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، كاربون قويۇپ بېرىش كۆرسەتكۈچىنى ئاجرىتىپ، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى جەلپ قىلىپ توپلاشتۇرىمىز.
كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان، كاربون ئاساس قىلىنغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ھازىر بار بولغان يېڭى ماتېرىيال تۈرىنىڭ پۈتۈپ تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 1 مىليارد، 10 مىليارد دەرىجىلىك مەھسۇلات قىممىتى يۇقىرى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى توپلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ «يېڭى مۇسابىقە يولى»نى سىجىل ئىگىلەپ، يېڭى تىپتىكى ھېسابلاش مەركىزى بازىسى، كۇڭتيەن جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكى بازىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسپى بازىسى، يۇمشاق دېتال ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكى بازىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا بەرپا قىلىپ، قاراماي رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسپىنى شىنجاڭ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز. مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى زورايتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خاس مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىمىز.
ئۈچىنچى، «ئىككى خىل بايلىق»، «ئىككى بازار»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايون ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئالدىن يۈرگۈچى بولىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشىگە پائال ئۇدۇللىشىمىز. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە تېخنىكىسى، جابدۇق، قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىنى «چىقىرىش»، «كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيادىن نېفىت - تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ نورمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز، ئەتراپتىكى «ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، بەش شى» بىلەن بولغان چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.
تۆتىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى» قىلىپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش مەنبە رايونى بەرپا قىلىمىز. يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەيمىز. ئالىي مەكتەپ، كارخانا، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىمىز. قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتتىكى «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى شىنجاڭ بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
بەشىنچى، تۈرلۈك مۇھىم ئامىل كاپالىتى «بىرىكمە مۇشت»ىنى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىمىز. «قاتتىق» مۇھىتقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، كارخانىلار ماكانلىشىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان توك، سۇ، يول كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز؛ «يۇمشاق» مۇھىتقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ھۆكۈمەت كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئايلىق مەخسۇس مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىمىز.
ئالتىنچى، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى»نى ئۈزلۈكسىز توپلايمىز. «تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش» ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش سىجىللىقىنى بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن زورايتىپ، مەبلەغ سېلىپ تۈرتكە بولۇش ۋە ئېشىش يېڭى نۇقتىسىنى چوڭقۇر قازىمىز. باشتىن - ئاخىر نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە سۈرئەتنى تۇتۇش، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە ئىش باشلاشنى تۇتۇش، زاپاس تۈرلەردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تۇتۇشنى پۇختا ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىمىز. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى «1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» سۈپىتىدە تۇتۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى تۇتۇپ، ھەم باشلامچى چوڭ كارخانىلار، چوڭ تۈرلەرنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ھەم ھازىر بار بولغان كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە قاراپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يېڭىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.