شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق ئالاتاۋ ۋە قورغاس ئىككى پورتتىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 5903 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشقان.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئالاتاۋ، قورغاس ئىككى پورت يولىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پورتنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ توشۇشنى تەشكىللىشىنى ئەلالاشتۇردى، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش قېتىم سانى ۋە ئېشىش كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.
ئالدىنقى بەش ئايدا، ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2714 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشتى؛ قورغاس ۋوگزالىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 3189 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشتى.
نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش مىقدارى كۆپەيدى، توشۇلىدىغان ماللارنىڭ تۈرى تېخىمۇ موللاشتى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ماددىي ئەشيالار جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق چەت ئەل بازارلىرىغا ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈلۈپ، مىقدار ۋە سۈپەتنىڭ تەڭ ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
قاتناش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشى مىقدارنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسىي كاپالىتى. ئالاتاۋ ۋوگزالى ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورت باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ ۋوگزاللىرىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالى ۋە ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، قاچىلىنىپ توشۇلىدىغان يۈكلەرنىڭ تۈرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، مەشغۇلات لىنىيەلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ۋە چۈشۈرۈپ تاپشۇرۇلىدىغان ماللارنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئاپتوموبىللىرى، تاپشۇرۇۋېلىش - يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتتى. قورغاس ۋوگزالى بېلەت چىقىرىش، گۇرۇپپىلاش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلات تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتىپ، كەڭ رېلىس ۋە ئۆلچەملىك رېلىس مەشغۇلاتىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، توسۇق نۇقتا مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ توشۇشنى تەشكىللەشتىكى ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ جىپسىلىشىشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەنبە: