− جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، كاڭ خاۋيەن، سۇڭ ۋېيگو
قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئايلىق تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليارد 953 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %220.6 ئېشىپ، سودا ئومۇمىي قىممىتى شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي تۆت رايون ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ چوڭ يۇلغۇنسايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنى، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن - سىنك كېنى قاتارلىقلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1029 تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %99.25كە يەتتى... 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، زىيارەتتە بولدى، ئۇلار بارغانلىكى يەر كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى. «شاھمات كۆزى» بىر تاختا شاھماتنىڭ بۆسۈش ئېغىزى ۋە مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، بىر تەدبىر بىلەن جانلاندۇرۇلسا، پۈتۈن تاختا جانلىنىدۇ، بىر تەدبىر بىلەن يەڭگەندە، پۈتۈن تاختىدا يەڭگىلى بولىدۇ. «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى دىققەتنى نۆۋەتتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە كۈچەشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
ئورۇننى توغرا تېپىپ، كۈچنى توپلاپ تەرەققىي قىلىش
جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى «شاھمات كۆزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە تۇرغىنىمىزدا، جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتالايدۇ، بۇ دەۋر تېمىسىغا جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك.
«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ ئورنىنى توغرا تېپىپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات شارائىتىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ <شاھمات كۆزى>نى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇشى كېرەك» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن.
كەسىپ − جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئاقسۇ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ «زەنجىرنى ئۇزارتىش تۈزۈمى»نى بەرپا قىلىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، كۈچەيتىشنى تېزلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرلەرنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى باغچە رايونلاشتۇرۇش، باغچە رايونلىرىنى توپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باغچە رايونلىرىدىكى يېتەكچى كەسىپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 100 مىليارد يۈەنلىك باغچە رايونى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، بايلىقنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشى، تۈرلەرنىڭ باغچە رايونىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
خوتەننىڭ بايلىقى مول، ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرقەدەر زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى زېڭ گۇەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: خوتەن ۋىلايىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ.
بۇلتۇردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ئاشلىق، ياغ، مېۋە - كۆكتات، مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا، ئەشيا ئوبوروتى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ ۋە نۇقتىلىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، دەۋر ۋەزىيىتىنى ئىگىلىگەن، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قەشقەر خاسلىقىغا ئىگە، پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋاڭ چېن مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنىڭ «شاھمات كۆزى» بولۇشتەك ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى، سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېخىمۇ تولۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.
خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەۋزەللىكنى تولۇق نامايان قىلىش
ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) نەق مەيدان يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر كەسپى ۋە يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئاشلىق كەسپى، يېشىل، ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسپى، زامانىۋى چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى زاپىسى مول بولغان تارىم ئويمانلىقىدا، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت - تەبىئىي گازلىقنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ يەردە نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش بويىچە «چوڭقۇر يەر قاتلىمى قۇرۇلۇشى» ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، ئەڭ يېڭى 9472 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يۆجىن 3XC-3 قۇدۇقى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق رېكورتىنى يېڭىلىدى.
«نۆۋەتتە، شىركەت تارىم ئويمانلىقىدىكى شۈنبېي نېفىتلىكىدە مىليون توننا دەرىجىلىك ئېتىلېن تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە، بۇ تۈر دۆلەتنىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلسىلا بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم يارىتالايدۇ.» جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئېتىلېن تۈرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمى لايىھەلەش - تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لۇ چيۇشۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان مىليون توننا دەرىجىلىك ئېتىلېن تۈرى كۇچا شەھىرىنىڭ شامال، يورۇقلۇق، يېشىل ئېنېرگىيەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، يېشىل ئېتىلېن، پىروپىل قاتارلىق كۆپ خىل نېفىت خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.
ئەنئەنىۋى مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەۋزەل نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىپلا قالماي، قۇملۇق، قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت ئىلگىرى سەل قارالغان بۇ تەبىئىي شارائىتمۇ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى سەۋەبىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېڭى خاس ئەۋزەللىكىگە ئايلاندى.
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى ئاقسۇ بىڭشۆ مىسۈييۈەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا چۆل - جەزىرىگە كۈن نۇرى پارنىكىدىن 550ى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، 100 مىڭ تۈپكە يېقىن گىلاس دەرىخى ئاقىل نەرسە تورىنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە، ھەر يىلى ھۆددىگە ئالغان دېھقان ئائىلىلىرىگە كىشى بېشىغا 35 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كەلدى؛ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5000 مودىن ئاشىدىغان شېڭشى خۇاچياڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا، 1000دىن ئارتۇق يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان پارنىك قۇرۇلۇپ، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۆكتاتلارنى بىر يىلدا ئۈچ قېتىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىلدا مېۋە - كۆكتاتتىن 70 مىڭ توننا ھوسۇل ئېلىنىپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر تەمىنلەندى.
«خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مېۋە - كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، بىز ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى پۈتۈن شىنجاڭ بازىرىغا يۈزلەندۈرىمىز.» شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇڭ يىنچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، كارخانىمىز يەنە يېڭىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان 400 قۇملۇق پارنىكى قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «كۆكتات سېۋىتى»نى يەنىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى پىلانلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئاشلىق، ياغ، پاختا، مېۋە - كۆكتات، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندى.
نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش
جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئارىلىغاندا، مۇخبىرلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم، كاللىسىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، غەيرىتىنىڭ تېخىمۇ تولۇق ئىكەنلىكىنى، چىن كۆڭلىدىن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شېڭشى خۇاچياڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا، خىزمەتچى ئايشەمخان مەتنۇرى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: قازان بېشىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان ئائىلە ئايالىدىن شوخلا، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىشىمغىچە، يەنە كۆكتات پارنىكىدىن 25نى ھۆددىگە ئېلىپ، 17 خىزمەتچىنى باشقۇرۇشۇمغىچە، مائاشىم دەسلەپكى ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇقراقتىن كۆپىيىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئېيىغا 6000 يۈەندىن ئارتۇققا يەتتى، مائاشىم ئۆستى، تۇرمۇش سۈپىتىممۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى ئازغان كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مەمەتجان ئىمام كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەنجۈر كەنتىمىزنىڭ «گۆھىرى»، ئۇنى ياخشى ئۆستۈرىمەن؛ ئائىلىمىز تىجارەت قىلىۋاتقان ئەنجۈر كاۋاپخانىسىنى خاسلىققا ئىگە قىلىمەن. ئەنجۈرگە تايىنىپ، كەنتىمىزدە ياغاچ ئاسما يول، مەيدان، ئائىلىۋى قونالغۇ قۇرۇلدى، ئازغان كەنتى جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى بولۇپ باھالاندى، كەنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەنتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئورتاق بەھرىلىنىشنى تۈپ مەقسەت قىلىدىغان تەرەققىيات. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاخىرقى مەقسەت ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش.
جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، بارغانسېرى كۆپ ئامما خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، باغچە رايونلىرىدىكى كارخانىلارغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بازار، كەچلىك بازارلارغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىدى... ئۇلارنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك بولدى، چېھرىدە تەبەسسۇم بارغانسېرى جىلۋىلەندى.