شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي، لۇ يىڭچۇەن سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 600 ئەزىز مېھمان مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرگە جەم بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك تاغ ـ دەريالىرى، جۇلالىق ئادىمىيەت مەنزىرىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات زور پىلانىنى ئورتاق پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ يىڭچۇەن سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەن مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ھەر ساھە دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ئىنتايىن روشەن. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان، كۈچ ـ قۇۋۋەت مۇجەسسەملەنگەن، ئىستىقبالى پارلاق بولغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋالدۇق. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى مۇھىم يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاس ئۈلگە ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. «شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئىبارەت داڭلىق ماركا ئوبرازىنى يارىتىشنى ئاچقۇچلۇق تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۆلەت دەرىجىلىك، دۇنيا دەرىجىلىك بىر تۈركۈم داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنى تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قىممەت ئىنتىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

لۇ يىڭچۇەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى، كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق بەختلىك بولۇپ، ئىقتىساد گۈللىنىپ راۋاجلاندى، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشتا پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە يۈزلەندى. بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىش يېڭى سۇپىسى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان يېڭى ۋاسىتە، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى يېڭى كۆزنەك بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ قوللاپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىمىز. شىنجاڭنىڭ سىجىل تۈردە ئاساسنى كۈچەيتىپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تونۇشتۇرۇش يىغىنى يەرشارى بويىچە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋاڭ جيەنشىن شىنجاڭدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ موللۇقى، تاغ ـ دەريالارنىڭ گۈزەللىكى، ئادىمىيەت بايلىقىنىڭ قويۇقلۇقى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ـ ئىتتىپاقلىقى، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ مىڭ يىللىق يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق پارلاق نۇر چېچىپ، پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم دوستانە تەكلىپ ئەۋەتىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن دوستلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا بېرىپ، يىپەك يولى كاتتا سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

يىغىندا، قەشقەر ۋىلايىتى، خۇاچياۋ شەھەرچىسى (شېنجېن) ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، شىنجاڭ يېما گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

يىغىندا ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىرى دۆلەت تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسى (ئىلى)، كۆكتوقايدىكى كۆكتوقاي دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت ئورنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر تەسىرات كوچىسى − جيۇلۇڭچۈەن ئۆزگىچە سودا كوچا رايونى، خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭ ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى ساياھەت ئىستىراھەت كوچا رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، بىڭتۇەن 359 ـ لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك بەش مەدەنىيلىك ـ ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى، ئالتاي شەھىرى ۋە ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى جۇڭگو كىلىمات ـ ئېكولوگىيە داڭلىق ماركىسى − «جۇڭگو تەبىئىي ئوكسىگېنخانىسى»، ئالتاي شەھىرى ۋە چىڭگىل ناھىيەسىدىكى جۇڭگو سالقىنداش ساياھىتى مەنزىلگاھىغا ۋىۋىسكا بېرىلدى.

يىغىندا جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇلدى ھەم ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالاندى، 24 ئالىي دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى ۋە ساياھەت كەسپى قۇرۇلۇشى تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، سوممىسى 28 مىليارد 776 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تۈرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ سەرخىل تۈرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، ياشلىق باھارىنى يارىتىش . جۇڭگو ياشلار مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىجادىيىتى لايىھەلەش مۇسابىقىسى مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ھەم مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى، شىنجاڭدا دالىدا قونۇش شامىلى كۆتۈرۈلدى − شىنجاڭ «دالىدا قونۇش تۇرمۇشى» يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس پائالىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، ئېگىزلىك مەنزىرىسى ساياھىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە كۆرىدۇ.

چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل باشقۇرغۇچى يولداشلار ۋە مەدەنىيەت ـ ساياھەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم كىنو ـ تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى، توردا ئالقىشلانغان بىلوگچىلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى جەمئىيىتى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، ئالاقىدار مەدەنىيەت ـ ساياھەت كارخانىلىرى، مېھمانساراي ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت