شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خېنەنگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

لوۋ ياڭشېڭ، زۇمرەت ئوبۇل، ۋاڭ كەي پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، جېڭجوۋ، 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خېنەنگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ ياڭشېڭ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ كەي پائالىيەتكە قاتناشتى.

6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

لوۋ ياڭشېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، قومۇلغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خېنەنگە يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچ. خېنەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى، خەلق رايىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ماددىي نەرسىنى كۆرۈش، ئادەمنى كۆرۈش، قەلبگە سىڭدۈرۈشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ دىققەتنى تەرەققىياتنى قوللاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرىدۇ؛ دىققەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ؛ دىققەتنى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بۇرۇنقىدەكلا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئىككى جاينىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خېنەن بىلەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

زۇمرەت ئوبۇل خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە خېنەن ئۆلكىسى نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى، مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، زامانىۋى خېنەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى. خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشتىن ـ ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىپ، چىن مېھىر ـ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلماقتا ۋە سىڭىشمەكتە، خېنەننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ كەي خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

خېنەندىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو (خېنەن) ئەركىن سودا سىناق رايونى جېڭجوۋ بۆلەك رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، جېڭجوۋ تاۋار سودىسى ئورنى، جېڭجوۋ يېنىك سانائەت داشۆسى كەسىپ ـ تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

خېنەن ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ئەن ۋېي، ۋاڭ گاڭ، جاڭ لېيمىڭ، لى يا، دەي بوخۇا، خۇ داۋسەي، دۇەن ۋېنلۇڭ، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ گاڭ، ليۇ جيەنمىڭ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت