شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

تۈر كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تۈرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ 33 ـ قارارلىق سەرخىل تۈرلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلىرىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەبلەغ سېلىش تۈرى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىنىڭ كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بۇ تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەرپا قىلغان دائىملىق، كۇرسلۇق مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ پائالىيەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كەسىپ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، كەسىپ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

پائالىيەتتە جەمئىي يەتتە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن قاتناش بانكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى، دۆلەت تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسى (ئىلى) بىلەن دۆلەت تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسى (شاڭخەي) كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىن سەككىزى ئىمزالاندى، بۇ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى سايرام كۆلى ساياھەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشكارا توپلاش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 407 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ يەنە خوتەن كەچلىك بازىرى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق ئالتە مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرى بار بولۇپ، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 769 مىليون يۈەن بولدى.

«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھەم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقى، ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتىگە ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدۇر.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر گۈلى ئابلىم مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنىڭ توپلىنىش ئەۋزەللىكىنى كەسىپنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ياردىمى ئارقىلىق، كاپىتال بىلەن تۈر ھەمكارلىشىش سۇپىسى، بايلىق بىلەن ئىجادىيەت ئالاقىلىشىش سۇپىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىيىتى ئۆگىنىش سۇپىسى، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرىنى تاللاش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت