شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭدىكى 14 مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت


مەنبەسى: غۇلجا مەدەنىيەت-ساياھەت ئاۋازى

  6- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تور بېكىتىدە 14 مەنزىرە رايونىنىڭ دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلمەكچى بولغانلىقى ئاشكارە قىلىندى. ئاشكارىلاش ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: ئالاقىدار ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەرتىپ بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاشقا تەشكىللەپ، تۆۋەندىكى 14 مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە يەتكەن، دەپ قارىدى، بۇلارنى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتمەكچى.

  1. ئۈرۈمچى شەھىرى ئامەيلۇڭ فانتازىيەلىك شادلىق باغچىسى

  2. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى كەڭساي مەنزىرە رايونى

  3. تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى ئالمىلىق ساي مەنزىرە رايونى

  4. تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار ناھىيەسى سۇڭخەيۋەن مەنزىرە رايونى

  5. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇاشىڭ . يوۋيوۋ جىلغىسى مەنزىرە رايونى

  6. تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى لوۋلەن ھاراق زاۋۇتى

  7. باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى مىرەن قەدىمىي شەھىرى

  8. ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسى

  9. ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى ئۆگەن دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت- ساياھەت مەنزىرە رايونى

  10. ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى چىلان قەدىمىي شەھىرى

  11. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئازغان ئەنجۈر خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت- ساياھەت مەنزىرە رايونى

  12. خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى

  13. خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى

  14. قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيە بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى توغراق مەدەنىيەت- ساياھەت رايونى

  (ماتېرىيال مەنبەسى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ھۆكۈمەت تورى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت