شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولۇشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

ئومۇمىي تەلەپ: 2027 ـ يىلىغا بارغاندا، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، باراۋەرلەشتۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ. 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، خىراجەت سېلىنمىسى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق) رايونى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) رايونى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئادىل، ئەلا سۈپەتلىك ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈلۈپ، ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت