شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
بىر پارچە سۈرەت ئارقىلىق قايتىدىن نەزەر سېلىش | شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئالەم بوشلۇقىغا كاماندىروپكىغا چىققان» 186 كۈندە نېمىلەرنى قىلدى؟
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ 186 كۈنلۈك «ئالەم بوشلۇقى كاماندىروپكىسى»غا قايتىدىن نەزەر

2022-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىكى فېي جۈنلۇڭ، دېڭ چىڭمىڭ، جاڭ لۇ بۇيرۇققا بىنائەن يىراق سەپەرگە ئاتلاندى

قويۇپ بېرىش ھارپىسىدا

قويۇپ بېرىش مەيدانى رايونىدا ئۇدا ئىككى قېتىم قار ياغدى

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا قىستاپ كەلدى

چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانى قويۇپ بېرىش ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا

شارائىتىغا يېقىنلاشتى

5

4

3

2

1

ئوت يېقىلسۇن!

2022-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 23 تىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە

چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 15 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتاغا ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلدى

بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى

دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

2022-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 5 تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللاشتۇرۇلدى

ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تۇنجى قېتىم «ئۈچ بۆلۈمچە، ئۈچ كېمە» قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈلدى

يەنى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىىسى

ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى

مېڭتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى

«ئۈچ بۆلۈمچە»

تيەنجوۋ 5-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى

شېنجوۋ 14-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى

«ئۈچ كېمە»

2022-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 7دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە

جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى تۇنجى قېتىملىق «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش»

شېنجوۋ 14-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى، شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى

ئالەم بوشلۇقىدا تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغۇدەك خاتىرە سۈرەت قالدۇردى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا ئىسمېنا ئالماشتى

شېنجوۋ 14-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى، شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى

تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا ئىسمېنا ئالمىشىشنى تاماملىدى

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى

جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

2023-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى باھار بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى

جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى

400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدا

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى

چۇنليەن ئېسىپ، «بەخت» خېتىنى چاپلاپ

پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە

باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

2023-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 00دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە

جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۇنجى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلدى

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى

بارلىق بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ

يەنە 2-، 3-قېتىملىق

بۆلۈمچىدىن چىقىش پائالىيىتىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى

2023-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۆت قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

بۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ

يەككە گۇرۇپپا بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش رېكورتى يېڭىلاندى

2023-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن «ئاسمان بىلەن يەر يۈزى سوئال ـ جاۋاب» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

بوشلۇق پونكىتىدا ئېغىرلىقنى يوقىتىشنى قانداق يېڭىش كېرەك؟

تاماق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

جۇڭگو، ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن سوئال سوراپ، قىزىقارلىق «ئاسمان -يەر يۈزى سوئال-جاۋاب» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 5تىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە

تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللاشتى

تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللاشتۇرۇلغاندىن كېيىن

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تېز يوللانمىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە

جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى 2-قېتىملىق «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش»نى كۈتۈۋالدى 

2023-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى، شېنجوۋ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئىسمېنا ئالمىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2023-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 21دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى

2023-يىلى 6- ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 6دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇرۇقلۇققا قوندى

شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى

دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى

بۇ قېتىمقى «ئالەم بوشلۇقى كاماندىروپكىسى» ۋەزىپىسىدە

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى جەمئىي 186 كۈن ئوربىتىدا خىزمەت قىلدى، تۇرمۇش كەچۈردى

ئۆيگە قايتىقىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت