شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ھاۋاسى بەك ياخشى! شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىگە «جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئوكسىگېنخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا بېرىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى) 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2023-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالتاي شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىگە جۇڭگونىڭ كىلىمات ئېكولوگىيە ماركىسى «جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئوكسىگېنخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا بېرىلدى.

ھاۋاسى ساپ ئارشاڭ ناھىيەسى. سۈرەتنى ئارشاڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن

«جۇڭگونىڭ تەبىئىي ئوكسىگېنخانىسى» جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان كىلىمات ئېكولوگىيەسى داڭلىق ماركىسى يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كىلىمات ئېكولوگىيەسى داڭلىق ماركىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالتاي شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، ھاۋاسى ساپ، ئوكسىگېن مەنپىي ئىيونىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، 6-تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسىگېنخانىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت