شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپىگە بېرىپ، دەرسخانا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانا قاتارلىقلارغا كىرىپ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، خەتتاتلىق دەرسى، تىل - ئەدەبىيات دەرسى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قاتارلىقلارنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋاسىتە، شەكىلنى بېيىتىپ، مۇنەۋۋەر كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەش، تەسىرات ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە دائىر خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت