چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۆزلىدى
ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ياشلىق يېڭى بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ لىجۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىگە كېلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس سۆزلىدى.
چېن ۋېيجۈن دەرس سۆزلەش داۋامىدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش جەھەتتىن، كۆپچىلىككە يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى.
چېن ۋېيجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېچىلغانلىقى، يېڭى سەھىپىلەرنىڭ پۈتۈلگەنلىكى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدىن بولدى. تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش داۋامىدا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆرلەش، ھالقىش داۋامىدا جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش داۋامىدا ئەخلاق ۋە قابىلىيەت جەھەتتىن قوش مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى ئىگىلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇ ياش ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياشلىق يېڭى بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىش ئىرادىسى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىش كېرەك.