شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن قالتىس نەتىجىلەر نامايان بولدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (2)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەتنىڭ روھنى تاۋلاش، مەدەنىيەتنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەت تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، قاتلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش ئىچكى خاس مەزمۇننى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، قەشقەر داشۆنىڭ شىنچۈەن مەكتەپ رايونى يېڭى دەۋر يىغىن زالىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى، «يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز» سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى باشلاندى. يېقىملىق ناخشا ياڭراپ، ئۇسسۇلچى قىزلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، تۇنجى بولۇپ ئورۇنلانغان «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇننى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى، شىخەنزە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئايرىم - ئايرىم قويۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سۈپەتلىك، خاسلىققا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىلغان بەدىئىي ئېستېتىك تۇيغۇ بېغىشلىدى.

2019 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق يازغۇچى، كومپوزىتورلارنى شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرمۇش ئۆگىنىشكە، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار قويۇق خاسلىققا ئىگە، تېما، ئۇسلۇبى كۆپ خىل بولغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىناق، بەختلىك، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇشتەك گۈزەل تۇرمۇش مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۇرمۇش پۇرىقى ۋە جەزبىدارلىققا تولغان بۇ يېڭى ناخشىلار كىشىلەرگە تونۇلۇپ، كەڭ تارقىلىپلا قالماي، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كۆزنەك ئاچتى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھەرقايسى جايلار تەبىئىي بايلىق ۋە ئادىمىيەت بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىيەتنى «ئايلاندۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرى 22 (سەھنە) سەھنە سەنئىتى نادىر نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 11 تىياتىرخانىدا ئورۇنلىدى، ھەربىر مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. 100 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم تىياتىرخانا، گۈزەل سەنئەت سارايلىرىغا كىردى، مەيدان، مەھەللە، باغچىلارغا جەم بولدى، كاتتا كۆرۈش - ئاڭلاش مەرىكىسىدىن بۇلۇت تىرمىنالىدا ئورتاق بەھرىلەنگەنلەر 650 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئويۇن قويۇش بازىرى كۈندىن - كۈنگە قىزىپ كەتتى، ئۇسسۇللۇق تىياتىر، مۇزىكىلىق تىياتىر، مۇزىكا كېچىلىكى، دراما، كۈلدۈرگىلەر نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، ئېسىل نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدىكى مىغ - مىغ ئادەملەر ئارىسىدا، نادىر نومۇرلارغا ئالقىش ياڭرىتىۋاتقانلار ئىچىدە شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە مەخسۇس ئويۇن كۆرگىلى سىرتتىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى.

شىنجاڭ بېلەت ئىشلىرى بازىرىدا ئون نەچچە يىل تىجارەت قىلغان 91 بېلەت ئىشلىرى تورىنىڭ باش دىرېكتورى بافاڭيۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچكە تولغان ۋاقتى ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 13 قېتىم سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قولايلىق، تېز بولغان توردا بېلەت سېتىۋېلىش، ئورۇن تاللاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بوپتۇ . ھازىرغىچە، بۇ شىركەت 100دىن ئارتۇق ئويۇن قويۇش تۈرى، 1400 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئويۇننىڭ بېلىتىنى سېتىش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 900 مىڭ ئادەم قېتىم ئىستېمالچىغا مۇلازىمەت قىلغان، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 23 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

مەدەنىيەت ئويۇنى، مەدەنىيەت ئىستېمالى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا جان كىرگۈزدى، ھاياتىي كۈچ قوشتى.

شىنجاڭ دۇنياغا داڭلىق «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى»، ناخشا - ئۇسسۇل شىنجاڭنىڭ ئەڭ ياخشى نام كارتىلىرىنىڭ بىرى. 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقارغان ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خاڭجوۋ شەھىرى، شېنجېن شەھىرى ۋە گۇاڭجوۋ شەھىرىگە كىرىپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى بەش جايدا ئويۇن كۆرۈش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. 6000 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە 260تىن ئارتۇق ئارتىس ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا ئارقىلىق شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى 13 مىڭ 500 تاماشىبىن نەق مەيداندا ئويۇن كۆردى. بۇ يىل 3 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، شىنجاڭ ئۇسسۇلى گۇاڭجوۋ، شيامېن، خاڭجوۋ، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەيدانلاردا «ئوينالدى»، ھەربىر جايدا، يۈزلىگەن - مىڭلىغان كىشىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. شادىيانە مۇزىكا ساداسى، نەپىس ئۇسسۇل ئىچىدە، جاي - جايلاردىن كەلگەن كىشىلەر زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ شىنجاڭنى كۈيلەش، بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناش شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى شەكىلنىڭ بىرى بولدى.

ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى

مۇزىكا رىتىمى شوخ، ئۇسسۇل قىزغىن، جۇشقۇن ئىدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسىدىكى ئۈستى ئوچۇق ئويۇن قويۇش مەيدانىدا، مىللىيچە ئۇسسۇلنى ھەمتۈرتكىلىك ئۆگىتىش ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن پائالىيەت بولدى. ئۆي ئىچىدىن سىرتىغىچە، تەسىرات كوچىسىدىكى ئاشخانىلار، مەيخانىلاردىن قەھۋەخانىلارغىچە، ئاندىن ئۆي ئىچىدىكى كىچىك سەھنىگىچە، قويۇلىدىغان نومۇرلار ئۈزۈلمەيدۇ.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولماقتا.

ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساياھەت ئويۇنى قويۇش ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن قويۇش تۈرلىرى بار، ساياھەت ئويۇنى كۆرۈش نۇرغۇن ساياھەتچى جەزمەن تاللايدىغان تۈرگە ئايلاندى. بۇلتۇر 7 - ئايدا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى ياڭاق مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى − يوتقان قەدىمىي شەھىرى ئېچىلدى. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 156 مو بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭغا 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمىي شەھەرگە كىرگەندە ئويۇن قويۇش، مەززىلىك تائاملار كوچىسى، ئائىلىۋى قونالغۇ، مېھمانخانا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىق كۆرۈنۈشلۈك كەسىپ ھالىتى كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نام كارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈر «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ غەربىي لىنىيەسىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت بوشلۇقىنى تولدۇردى، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلاپ، زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق پۈتۈن مەنزىرىنى نامايان قىلىپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي ئۇدۇننىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى قايتا نامايان قىلىش خوتەننىڭ تارىخقا تايىنىپ، قەدىمكى ئۇسلۇبنى قېزىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما مەنزىرە نۇقتىسى بەرپا قىلىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

ساياھەت ئويۇنىدىن باشقا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي يول قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى، مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كىرمەكتە. «شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى تەبىئىي تاغ - دەريالار مەنزىرىسىدىن باشقا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، ناھايىتى ياخشى بولغان مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئاساسىغا ئىگە. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدا، مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تەبىئىي مەنزىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن» دېدى شىنجاڭ داشۆ ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتور يېتەكچىسى لياڭ زېڭشيەن.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تاللاشقا ئايلاندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى، «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «داڭلىق رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «دۆلەت گۆھىرىنى باھالاپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى پىلانلىدى، ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت ئويۇنلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتتى؛ نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، باش تېمىلىق باغچە، ئىستىراھەت كوچا رايونى، خاس كەچلىك بازار قاتارلىقلارغا تايىنىپ خاس مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بېلىتى، كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ھازىر، شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەككە ئامىللىق يۇغۇرۇلۇشتىن ھەر تەرەپلىمە يۇغۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولماقتا. «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نوقۇل ھالدىكى ئۆزئارا قوشۇش ئەمەس، <2<1+1 > ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، پاسسىپ ھالەتتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇشقا يۈزلىنىپ، رايوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇغۇرۇلۇشتىن كەسىپ زەنجىرىگە يۈزلىنىپ، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق سىستېمىلاشقان يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش - ئۆگىتىش ئورۇنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم تەتقىقات، ئۆگىنىش، ساياھەت سەر خىل لىنىيەلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلدى، يېشىپ چۈشەندۈردى، بايان قىلدى؛ ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى، چورما، دۆلەت دەرۋازىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىق قىزىل بايلىقلارنى قىزىل ساياھەت سەر خىل لىنىيەسىگە كىرگۈزدى؛ ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىچى سەنئەت ئۆمەكلىرىنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دەۋر روھىغا باي كىچىك، مىكرو تىپتىكى، ئاساسىي تېمىلىق، خاسلىققا ئىگە، زاكازلىق بىر تۈركۈم ساياھەت ئويۇن تۈرلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايونىغا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشتى.

ئۈرۈمچى ئەۋزەل مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ۋە ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى ۋە مۇھىم ئامىللارنى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يادرولۇق رايونىغا توپلىنىشقا پائال يېتەكلىدى. دۆلەت، ئاپتونوم رايون، شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى (باغچە رايونى)نى يېتىشتۈردى. بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر نومۇرلارنى پائال ئىجاد قىلىپ، رېپېتىتسىيە قىلىپ ۋە كىرگۈزۈپ، «ھەر ھەپتىدە مەخسۇس ئويۇن بولۇش، ھەر ئايدا كىرگۈزۈلگەن نومۇر بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خاس مۇزېيلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېي مەيدان - سارايلىرى IP بايلىقىنى چوڭقۇر ئېچىپ پايدىلاندى. قىزىل ساياھەتكە تۈرتكە بولۇپ، قىزىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس سەر خىل لىنىيەلەرنى يولغا قويۇپ، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى ئەمەلىيەت تەربىيە بازىسى (لاگېرى) بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى مەھسۇلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

يۇغۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىرى يۇغۇرۇلۇپ، يۇغۇرۇشقا بولىدىغانلىرى تولۇق يۇغۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئىشلىرى بارغانسېرى زورايدى، بارغانسېرى رەڭدارلاشتى.

زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش

ئىلگىرى، بۇرلان قايرات كۈن بويى ئۆيىدە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ھازىر، ئېرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇنى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» قويۇلىدىغان تىياتىرخانىغا «ئىشقا» ئاپىرىپ قويىدۇ. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن بۇرلان ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت سەنئەت نومۇرى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»تىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ئامما ئارتىس بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنى ھاياجانلاندۇرغىنى ھەر ئايدىكى ئويۇن قويۇش مائاشىلا ئەمەس، يەنە سەھنىدىكى تۇيغۇ بولدى.

ھازىر، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى 250دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ئويۇنىغا قاتناشتى. «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» قويۇلۇۋاتقان تۆت يىلدىن بۇيان، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى 1400دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ۋە يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىن قىلغان كىرىمىنىڭ 66 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ساياھەت قاچىسى»نى قولىغا ئېلىش ئۆز جايىدا زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەنگە باراۋەر.

كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى نارات كەنتىدە، نارات مەنزىرە رايونىدىكى قىسمەن ئائىلىۋى قونالغۇ قاتارلىق رايونلار بۇ كەنتنىڭ تەۋەلىكىدە ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي مەنزىرە رايونى بىلەن بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى ئالدىن يولغا قويۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھازىر نارات كەنتىدىكى 750 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئىچىدە، يېرىمى «ساياھەت تامىقى» يېدى − ئائىلىۋى قونالغۇ ئاچتى، تاماقخانا ئاچتى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن شۇغۇللاندى، قار تېيىلىش تىرېنېرى بولدى، ئاتلىق ئەترەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كىگىز ئۆي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى قۇردى. فىيشياڭ ئاتلىق ئەترىتىنىڭ 83 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى نارات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ھەربىر ئاتتىن يىلىغا 13 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەرئىچى يېزىسى ئالتۇن كەنتىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىغا كىرگىنىمىزدە، لەرزان ناخشا ساداسى ياڭراۋاتاتتى − قومۇل شەھىرى دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسى ئايشەم ئەمەت بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىۋاتاتتى. بۇ ھۈنەرخانا بۇلتۇر قۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى مەركەزلىك كۆرسىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، قومۇل شەھىرى دەرىجىلىك مۇقام، كەشتىچىلىك، قەغەز قىيما قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرىنى بىر جايغا يىغىپ، شەخسىي ئىشخانا بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئۇلارغا كۆرگەزمە سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، شەھەرئىچى يېزىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا سېتىشلا %40نى ئىگىلىدى ھەمدە بۇ يىلقى سېتىش سوممىسىنى 5 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى، ھەتتا كىشىلىك ھاياتىنىمۇ ئۆزگەرتتى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگوۋ بازىرى دۇڭۋەن كەنتى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ قار تېيىلىش مەيدانى 1997 - يىلى تىجارەت باشلىغاندىن تارتىپ، دۇڭۋەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى بېلەت سېتىش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىدى، قار تېيىلىش مەيدانى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ يىل بۇ قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى 302 ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇڭۋەن كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى قار تېيىلىش تىرېنېرى، ئۈسكۈنە رېمونتچىسى بولۇپ قالدى، نۇرغۇن ئەر - خوتۇن، قېرىنداش، ئاتا - بالا، ئانا - بالا خىزمەتداش بولۇپ قالدى، كەنت ئاھالىلىرى شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قار تېيىلىش مەيدانىغا خىزمەتكە بېرىپلا قالماي، يەنە بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھەرقايسى جايلارغا ساياھەتكە بارىدىغان بولدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت