شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تيەنجىندە ئاھالىلەر بىناسى پارتلاپ ئۈچ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، جىنايەت گۇماندارى ساليۇت- پوجاڭزىدىن پايدىلىنىپ دېلو سادىر قىلغان
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

  تيەنجىن ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچ، خېدۇڭ رايونى يۈەنسۈيجۇڭلى 13- بىنا 5- ئىشىك 301- ئۆي، فېڭچىلى 6- بىنا 2- ئىشىك 603- ئۆيدە پارتلاش يۈزبېرىپ، ئۈچ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان (ھەممىسى يېنىك يارىلانغان)، بىر قىسىم ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى ما XX (ئەر، 46 ياش) قولغا ئېلىنغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ساليۇت- پوجاڭزىدىن پايدىلىنىپ دېلو سادىر قىلغانلىقى ئېنىقلانغان. دېلونى تەكشۈرۈش، يارىدارلارنى داۋالاش ۋە قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت