شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە مۇھىم، زور قاتناش ئەسلىھەلىرى تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نەق مەيداندا ئىش بېجىردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت مىقدارى، ئەمەلىي بۇيۇم مىقدارى، مەبلەغ سېلىش مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئىككى توغرا يول، ئىككى تىك يول، بەش ئايلانما يول، 15 يۆنىلىش» غول يول تورىدىكى بەش ئايلانما لىنىيەسىگە تەۋە. ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشىنىڭ لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈك تۈرى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تۈرنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تۈر قاراشلىق جايدىكى ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە يەرلىكتىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەم قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، بىڭتۇەن ۋە يەرلىكنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توسۇق نۇقتا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سۈپەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قاتتىق، ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنى بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەركىن تۇنىياز ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئىچىگە كىرىپ، قۇرۇلۇش پىلان لايىھەسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا ئادەتتىن تاشقىرى سالماق بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خاتىرجەم قۇرۇلۇش، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، سۈپەتلىك قۇرۇلۇش بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجادىي تېخنىكىلارنى پائال قوللىنىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەرنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ليۇ سۇشې تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت