شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشىدا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ %50كە يېقىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 3319 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 227سى ئاشقان، رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 302 مىليارد 77 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.47 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 176 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %58.57نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.34 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى(تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 125 مىليارد 137 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %41.43نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.44 ئاشقان.

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر مۇنۇلار: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 50 مىليارد 270 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %16.64نى ئىگىلىگەن؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 44 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %14.73نى ئىگىلىگەن؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 43 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %14.49نى ئىگىلىگەن؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 40 مىليارد 456 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %13.39نى ئىگىلىگەن.

نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر: تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %97.31 %95.84، %86.23، %73.08، %68.49 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە نەقلەشكەن مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بىردەك %10تىن يۇقىرى بولۇپ، ئېشىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى جەمئىي %71.86كە يېتىپ، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان.

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش − تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش». بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ماكانلاشتى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا قارىتا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولى بار بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈر زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، كېڭىشىشكە ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت