شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئەۋزەللىكلەرنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رايوننى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟ قانداق قىلىپ شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش

«ئومۇمىي يىغىندا سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا، <تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇش> ۋە <يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش> ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن مەن چوڭقۇر تەسىرات ئالدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق دېدى: بۇ، خىزمەت پوزىتسىيەسىگە قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، خىزمەت ئۈنۈمىگىمۇ قويۇلغان تەلەپ.

شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتى يۇقىرى سۈپەتلىك يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم ۋاسىتىسى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېز قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى پۇختا ئۆستۈردى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تىرەكلىك رولىنى سىجىل كۈچەيتتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن ـ مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تېز ئالغا سىلجىتىلدى، پورتلارنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى سۈرئەتنى تېزلىتىش مەزگىلىگە كىردى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 94 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئېشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى. جەنۇبىي شىنجاڭ «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچ.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى جەھەتتىكى پەرق يەنىمۇ كىچىكلىدى.

بۇ سانلىق مەلۇمات ۋە مىساللار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ليۇ لېي مۇنداق قارىدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا دىققەتنى نۇقتىلىق دۆلەتلەر، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ليۇ لېي مۇنداق بىلدۈردى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە تاشقى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىيەت سۇپىسى. باشتىن ـ ئاخىر دىققەتنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ئېچىۋېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش

ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا: سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش ھېسابلىنىدۇ.

پورتنى راۋانلاشتۇرۇش شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم؟

5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، تورغات تاموژنىسىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى تاماملانغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ ئېغىرلىقى 76 توننا كېلىدىغان يۇيۇلمىغان ئۆچكە تىۋىتى تورغات پورتى ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە ئىمپورت قىلىندى. بۇ ئۆچكە تىۋىتى شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شىندا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قوي يۇڭى پىششىقلاش زاۋۇتىدا دەسلەپكى پىششىقلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى كارخانىلارغا سېتىلىدۇ.

بۇ شىركەتنىڭ پورت ئىشلىرى كەسپىگە مەسئۇل خادىمى جاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز چېگرادىن كىرىدىغان قوي يۇڭىنى نۇقتىلىق پىششىقلايدىغان كارخانا، 2008 ـ يىلى قوي يۇڭى ئىمپورت قىلىشقا باشلىغان، ئىمپورت مىقدارى ئىزچىل مۇقىم ئاشتى. بۇ يىل پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىركەتنىڭ زاكازى مۇقىم كۆپەيدى، ئالدىنقى بەش ئايدا 200 توننىغا يېقىن قوي يۇڭى ئىمپورت قىلدۇق. پورتنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشى كارخانىلارنى مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شىندا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ، شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە بولغان تايىنىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك زورلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 3 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئىمپورت، ئېكسپورتتا ئومۇمىي تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2017 ـ يىلى 12 ـ ئايدىكىدىن %80.41، %97.73 قىسقاردى.

«تاموژنىلار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پورتلاردا قاتناش ئۈنۈمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەھلىل قىلىشنى زورايتىپ، شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ ئومۇمىي قاتناش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.» ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى چىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قاتناش باشلانغان 15 پورت، 181 چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى، 24 خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، راۋان يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا.

«سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئاپتونوم رايون ئىشنى قۇرۇقلۇق يولىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئايرودۇرۇم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۇرۇبا تورىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىستراتېگىيەلىك يولىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن باشلايدۇ» دېدى ليۇ لېي.

ئاپتونوم رايون جىڭ ـ ئالاتاۋ 2 ـ لىنىيەسى، جىڭ ـ غۇلجا ـ قورغاس 2 ـ لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەركەشتام، تايكېشكېن، قورغاس، ئالاتاۋ قاتارلىق پورتلارنى تۇتاشتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە قۇرۇقلۇق يولى تاشيولى ئارقىلىق پورتلاردا قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ؛ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ دائىملىق قاتنىشىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتىدا ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ؛ «بىر تۈگۈن، ئۈچ تىرەك نۇقتا» نۆۋەتچى پويىز تۈگۈن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىغا پائال سىڭىشىپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان لىنىيەسى قاتارلىق كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

لى چىڭخۇا مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەنئەنىۋى كەسىپ ھالىتى بىلەن يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پورت ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتىدۇ؛ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچەپ شىنجاڭنى ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرىدۇ.

سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

خەلقئارا ھەمكارلىقتا يېڭى سەھىپە پۈتۈش

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق، ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستانغا زىيارەتكە بېرىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان ئوقەتچىلەر كومىتېتىنى قۇردى، ئۆزبېكىستان تاشكەنت ئوبلاستى تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا قارىتىلغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «چىقىش» قەدىمى ماڭغانسېرى پۇختا بولدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىزچىل جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ كەلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن يەككە سودا ھەمراھى بولغان دۆلەت ۋە رايون بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 160تىن 165كە كېڭەيدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئالدىنقى تۆت ئايدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 75 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.2 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %43.4ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تاجىكىستان دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن «جۇڭگو ـ تاجىكىستان جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش ـ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش بويىچە <بىر بەلباغ، بىر يول> بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى»نى ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى، قازاقىستان ئەل فارابى دۆلەتلىك داشۆسى بىلەن «جۇڭگو ـ قازاقىستان يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى»نى ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەم تېخنىكىسى ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىق مەركىزى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىق مەركىزى (شىنجاڭ) شۆبە مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

سىرتقا قارىتىلغان بۇ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش پائالىيەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگو شىنجاڭنى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن رەقەم، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئېنېرگىيە سېلىنمىسى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يادرولۇق رايوننىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، قوشنا رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا − ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى، 18 ـ نۆۋەتلىك قازاقىستان − جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى، ئۆزبېكىستان − جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشكە يۇقىرى سۈپەتتە تەييارلىق كۆرۈپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت