شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت ئارقىلىق كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت ئارقىلىق كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدا قىلغان بىرقاتار مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ، 5 ـ، 6 ـ، 7 ـ، 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتى ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسى تەھلىل قىلىندى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)لەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا كۈچەپ، كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)لەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى) رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ كەسپىي مائارىپقا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ياخشى ساقلاش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيە خام ماتېرىيالى ۋە ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)لەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى، ئوقۇتۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەتراپلىق، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەش كېرەك. پىراكتىكا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)لەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)لەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىق بەش ئورۇندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت