شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىز 12 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىز 12 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئادەتتىكى كارخانىلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش، پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىش، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش؛ كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش... يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى «<ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش> بويىچە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا دائىر بىرقانچە تەدبىر»نى چىقىرىپ، 12 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىجازەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. ئادەتتىكى كارخانىلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش، پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق تامغىنى ماس قەدەمدە تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بويىچە بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي ئىجازەت ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشاش بولغان مەمۇرىي ئىجازەت ئىش تۈرلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئوخشاش ئامىل بويىچە باشقۇرۇش، ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە بېجىرىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىدۇ. كۆزنەك مۇلازىمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسپىي يېتەكچىلىك قىسقا خەۋىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوئاللارغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، مۈجمەللىكلەرنى تۈگىتىپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆزنەك كادىرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ـ تەتقىق قىلىش يۇرتى، ئۆلچەش ـ سىناش تەتقىقات يۇرتى، تالا سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ھەققى، لىفىت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تۈرلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ھەققى، يېمەكلىك ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ھەققى قاتارلىقلارنى مۇناسىپ كېمەيتىدۇ، تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە قارمىقىدىكى ئورۇنلار، سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلار، پۇل مۇئامىلە ساھەسى قاتارلىقلاردىكى ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھانى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنى ئىجرا قىلماسلىق، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون چىقارغان كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەلەپ بويىچە ئىجرا قىلماسلىق ياكى ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە ئاساسىي تەربىيەلەش، يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنت بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى ئىجاد قىلىش، ئىشلىتىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە «باغچە رايونىغا كىرىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پاتېنتنى رەنىگە قويۇپ تىزىملىتىشنىڭ تەكشۈرۈش مۇددىتىنى بىر خىزمەت كۈنىگە، تاۋار ماركىسىنى رەنىگە قويۇپ تىزىملىتىشنىڭ تەكشۈرۈش مۇددىتىنى ئىككى خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىدۇ. مەبلەغ قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتا، پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، تور ۋە تور سىرتىدا پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت