شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ جۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسى سۆزلىدى

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە كېلىپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ياشلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن باش تېمىدا ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسى سۆزلىدى.

جاڭ جۇ دەرس سۆزلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياش بىر ئەۋلادلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ياشلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تومۇر تۇتۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ياشلار ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشى، ئالدى بىلەن بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىشى، كۈچلۈك يادرونىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىگە يول باشلىغانلىقى، ھەقىقەت نۇرىنىڭ گۈللىنىش يولىنى يورۇتقانلىقى، پارلاق يولنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى، ياراتقانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، چوقۇم يېڭى كۈرەش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك.

جاڭ جۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دەل يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ گەۋدىلىك، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ ئېنىق. نىشان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇيىمىزنى قاناتلاندۇرۇشقا تامامەن ھەقلىق، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز بار.

جاڭ جۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ، يېڭى دەۋردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قالتىس سەھنىسى چەكسىز كەڭ. كەڭ ياشلار ھەم گۈللەنگەن دەۋردە تۇغۇلغان، ھەم پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ كۈرەش قىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، چىڭ تۇرۇشى، غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان، چىدامچان، كۈرەشچان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ تۇپرىقىدا قايناق ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش داۋامىدا ياشلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت