شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا توختالدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، سۇ لۇپىڭ، جاۋ شىيا

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەھەر ـ بازار ئاھالىلىرى ۋە دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قانداق قىلغاندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې يۇڭخۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلھايات ئىسمائىلنى زىيارەت قىلدى.

سوئال: ئىشقا ئورۇنلىشىش − ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، ئۇنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە، يەنە بىر ئۇچى ھەممە ئۆيلەردە چىراغ نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىگە تۇتىشىدۇ، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

چېن جىجياڭ: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 192 مىڭ 200 كىشى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.11 ئاشتى؛ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 1 مىليون 477 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.93 ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئىچىدىكى ئىشلىگۈچىلەر كۆلىمى 1 مىليون 63 مىڭ 200 كىشىگە يەتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، سىجىل ياخشىلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم بەختلىك بولۇشىغا تىرەك بولىمىز.

ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىيات بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، ئىستېمال، كەسىپ قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سىياسەتلەر ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك قوزغىتىلىشى، ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىمىز. «ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىمىز. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەشنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا «نوپۇس پايدىسى»نىڭ «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»غا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمىز.

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرىمىز. دىققەتنى يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزا ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. رەقەملەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزلەشكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر بايلىقى ئامبىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ يېتەكلەش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.

سوئال: داۋالاش ـ سەھىيە خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت ـ سائادىتى، تىنچ ـ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونىمىز قانداق قىلىپ سەھىيە ـ ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

خې يۇڭخۇي: ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر، چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، داۋالاش ـ سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستى، تېببىي دورا ـ سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئاممىنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بەش جەھەتتىن تۈرتكە بولىمىز.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، «ئاساسىي قاتلامغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش سەپىرى» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاغرىقلارنى ئاساسىي قاتلامدا تېز ـ قولاي، ئەتراپلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تېز تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىدا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز.

تېببىي دورا ـ سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى سىجىل كېڭەيتىمىز.

«ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىق يېڭى ئېھتىياجىدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك بولغان ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەمدە تەمىنلەيمىز.

ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. ئالدى بىلەن دىياگنوز قويۇپ داۋالاپ ئاندىن ھەق تۆلەش، ئېغىر كېسەللەر بويىچە مەخسۇس تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش، سوزۇلما كېسەللەرگە كېلىشىم تۈزۈپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.

سوئال: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ؟

زۇلھايات ئىسمائىل: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، مائارىپ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى مەۋقەنى مائارىپنىڭ «دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى» بولۇش ئورنىغا قويۇپ، «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم «ھەل قىلغۇچ قەدەم» قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويىدۇ.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. نۇقتىلىق ھالدا مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ماس ئالغا سىلجىتىش، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىش، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئالىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز. مائارىپ ساھەسىدە بىر قاتار ئۇنىۋىرسال ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت