شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيلى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

2023 ـ يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى ھەم شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى باشلاندى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيلى

شىنجاڭ گېزىتى، كۆكتوقاي، 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023 ـ يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى ھەم 11 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى «دۇنيا گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىقلار مۇزېيى» دەپ تەرىپلەنگەن كۆكتوقاي بازىرىدا باشلاندى. شۇ كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەر توردا ۋە تور سىرتىدا 570تىن ئارتۇق تەشۋىقات، كۆرگەزمە پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى، بۇنىڭدا خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

باشلىنىش مۇراسىمىدا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم ئورۇن ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى، 2022 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسى بويىچە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى»دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى كىشى، «تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتسۇن − شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە پۈتۈن تاراتقۇدا تارقىتىلغان ئەسەرلەر(يېڭى تاراتقۇ)نى تونۇشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش» پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئون ئەسەر، 20 نەپەر «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكى بويىچە ئەڭ گۈزەل قوغدىغۇچى»، 2022 ـ يىللىق مەملىكەتلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىلىرىنىڭ تىپىك مىسالى»غا تاللانغان ئۈچ ئورۇننىڭ ۋەكىلى، ئون نەپەر 2022 ـ يىللىق «شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە يىللىق شەخس»كە مۇكاپات تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 14 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى، «دۆلەت گۆھىرى ئىچىدىكى شىنجاڭ»(2 ـ بۆلۈم)نى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى، «سىزنى مۇزېيغا باشلاپ كىرىمىز − خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي» كىتاب تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، نەق مەيداندا يەنە «2021 ـ يىلىدىن 2023 ـ يىلىغىچە شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشلار سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى»، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېي ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، شىنجاڭ مۇزېيى ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان جەمئىي 223 خىل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى كۆرگەزمە قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جاڭ يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي يىغىن مەيدانىنى باشلامچى قىلغان، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارغا دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت