شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«شىنجاڭ ياخشى جاي» شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە چاقنىدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

ئىشىكتىن كىرگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان «كۈسەن ئەركىسى» ئىللىق، قىزغىن، سەبىي، ئوماق ئىدى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ناخشا - ئۇسسۇل ئارتىسلىرى تىيانشاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قولىدىكى يىپ - يىڭنە ئارقىلىق شىنجاڭغا خاس گۈزەل مەنزىرىنى كەشتىلەپ چىقتى... 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى باشلانغان 19 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - سودا يىغىنىدا، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى ئېسىل، گۈزەل لايىھەلىنىش ئۇسلۇبى، ئىجادىي، يېڭىچە خاس كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، قايناق ھېسسىياتقا تولغان مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇللار، قىزغىن، جانلىق، قايناق كۆرگەزمە شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ۋە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرمۇ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ قالتىس كۆرگەزمىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول تەبىئىي بايلىقى، چوڭقۇر مەدەنىيەت جۇغلانمىسى، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچى ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يەنىمۇ ئىگىلىدى.

ھەرقايسى جايلاردىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر شىنجاڭ بازىرىغا ئۈمىد باغلىدى

بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 55 كارخانا، كەسپىي ئورۇن شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مەدەنىيەت ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئىجادىيەت - لايىھەلەش، ھۈنەر - سەنئەت، كارتون، قاشتېشى لايىھەلەش، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق 11 كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدا قويۇلغان ئىجادىي سەھنە ئەسەرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، كەشتىچىلىك ئەسەرلىرى، قاشتېشى، كىتاب نەشرىياتچىلىقى قاتارلىق كۆرگەزمىلەر ھەرقايسى جايلاردىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ۋە ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.

«بۇ مېنىڭ شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە ئۈچىنچى قېتىم قاتنىشىشىم، ھەر قېتىمدىلا شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىغا كېلىپ كۆرۈپ باقىمەن. شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغىلى ئون يىل بولۇپ قالدى، ئۇ گۈزەل جاينى تولىمۇ سېغىندىم، ھەر قېتىم كەلگىنىمدە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيمەن.» كۆرگەزمىگە قاتناشقان گۇاڭجوۋلۇق سودىگەر ۋاڭ چيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ لايىھەلىنىشىدە ھەر يىلى يېڭىلىق بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خىسلىتى، خاراكتېرىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دائىم ئۆزگىرىپ، دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ياساش سەۋىيەسىدىمۇ زور دەرىجىدە يۈكسىلىش بار.

تەقلىد قىلىپ ياسالغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىلىرى ھويلا - ئارانىغا كىرىپ، قۇرۇق مېۋە، مېۋە - چېۋە، نان تىزىلغان شىرە قويۇلغان چوڭ كارىۋاتتا ئولتۇرغاندا، دوپپا كىيگەن يىگىت بىر قاچا مۇزدەك، ساپ يەرلىك قېتىقنى سۇنۇپ، تەبەسسۇم بىلەن مېھمانلارنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى... بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭغا بارغاندەك ھېس قىلدىم.

«بۇ تەپسىلاتلار شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كۆڭۈل قويغانلىقى، كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.» خاڭجوۋدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر دۇڭ يەنفېي شىنجاڭدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى، مېۋە - چېۋىلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى، نۆۋەتتە، ئۈچ ئورۇن بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا كېڭەشتى.

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، مەدەنىيەت كەسپى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەرگە يېڭىلىقلارنى تولۇق ھېس قىلدۇردى، شۇ كۈنى نەق مەيداندىلا ئىككى تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، ئومۇمىي سوممىسى 75 مىليون يۈەن بولدى.

شېنجېن جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىلى جاۋ چۈنلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۇ شىنجاڭنىڭ مايتاغ قىزىل سانائەت ساياھىتى تۈرى، تىيانشان لۇڭجى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى تۈرى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن قىزىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى تۈرى كېڭەيتىشكە موھتاج، نۆۋەتتىكى بازار ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنىڭ قىزىل ساياھەت، سانائەت ساياھىتى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى ساياھىتىگە بولغان ئېھتىياجى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ، بىز تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئېلىپ شىنجاڭغا بارىمىز».

شىنجاڭدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملارنىڭ ھاسىلاتى مول بولدى

«بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقاندا، ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگىنىم يەنىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى بولدى، نۇرغۇن يۇغۇرۇلۇش ئېڭى سىڭدۈرۈلگەن يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆردۈم، ياساش ھۈنەر - سەنئىتى، ئورالما لايىھەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى يېڭىچە تۇيغۇغا ئىگە قىلىدىكەن، زور ھاسىلاتقا ئېرىشتىم، بىز شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدە كەلگۈسىدە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق ۋە خاتىرىلەش قىممىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىمىز» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى گۇەن يى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا.

«كۈسەن قورچىقى» مەدەنىيەت ئىجادىيىتى IPسىنىڭ كۆرگەزمىدە داڭق چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، «كۈسەن قورچىقى» ئوبرازىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىنتايىن زور دىققەت قوزغىدى. «بۇ بىزنىڭ بۇ ئوبرازدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ زور مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» شىنجاڭ يىپەك يولى يۆماۋشىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ كېڭەش باشلىقى لۇ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىدە نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچى يۆماۋشىڭ كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق «كۈسەن قورچىقى» تەلەي قۇتىسى ۋە ئۇ ۋاكالەتچى بولغان مېۋە - چېۋە، قۇرۇق يىمىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى.

بۇ يىل شېنجېن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە نامايان قىلىنغان شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىمۇ كۆرگەزمە رايونىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئىجاد قىلغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، لايىھەلەشتىكى نەزەر دائىرىسى ۋە تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتتى.

«بۇ قېتىم ھەرقايسى جايلاردىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر سەنئەت كەسپىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى ماختىدى ھەم بىزگە مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.» شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مەدەنىيەت - سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما فاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن بۇرۇن شۆيۈەنىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان كارتون ئەسەرلەر ۋەكىل ئوبرازى بولۇش سۈپىتى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھەم ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقانىدى.

كۆرگەزمە رايونىدا، شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكى، ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىكى، قىرغىز مىللىتى كەشتىچىلىكى ۋارىسلىرى نەق مەيداندا كەشتە تىكىش ھۈنىرىنى كۆرسەتتى ھەم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە كەشتە لايىھەسى چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى.

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كەشتە بۇيۇملىرى بۆلىكىدە، شىنجاڭ لەنپەي مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇڭ لەن ھەربىر مەھسۇلاتتىكى كەشتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنىسىنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى، رەڭگى، تىكىش ئۇسۇلىدىن تارتىپ نۇسخىسىغىچە توختالدى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى.

«بۇنداق مەملىكەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىش بىزنىڭ مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىمىز، لايىھەلىشىمىز ۋە ئەمەلىي كەشتىلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» دۇڭ لەن مۇنداق دېدى: كەشتىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز، كىيىم - كېچەك، ئاسقۇ، ئۆي جاھازلىرى، چامادان، سومكىلاردىن باشقا، يەنە ئوقۇش قوراللىرى، يان تېلېفون، توكدان، ئاۋاز ياڭراتقۇ، كۆپ ئىقتىدارلىق سېلىنچا قاتارلىق بۇيۇملارغىچە ئۇزارتىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىنى ئاشۇرىمىز.

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىدىكى ئېسىل ئامىللار نامايان قىلىندى

موتوسىكلىت قومۇلدىكى داخەيداۋ يولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا، بېزەكلىك مىڭئۆيىدىكى تام رەسىملىرى مىڭ يىل ئىلگىرىكى يىپەك يولىدىكى ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلماقتا، راۋاب ساداسى كىشىلەرنىڭ تارىم دەرياسىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلماقتا...

شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆرسىتىش چوڭ ئېكرانىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات فىلىمى، شىنجاڭدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ داڭلىق ماركا ئوبرازى ھېكايىلىرى قاتارلىقلار تەكرار كۆرسىتىلىۋاتاتتى، شېنجېنلىق ئېكسكۇرسىيەچى لى پېڭ بۇ ئېسىل كۆرۈنۈشلەردىن كۆزىنى ئۈزەلمىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا ئىنتايىن تەلپۈنىمەن، كېيىنكى قەدەمدە ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلماقچى، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى بېرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە بارغۇسى كېلىدىغان جاي دېيىشىۋاتىدۇ».

لى پېڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەرنى كۆرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىللەرنى تەپسىلىي سوراپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تارقالغان ئورۇنلار، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ كەسپىي ساياھەت ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. كۆرگەزمە رايونى نەق مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا ھەم شۇنداق ئېھتىياجى بار بولغان ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە شىنجاڭ ساياھىتى بويىچە بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان «شىنجاڭنى بىر كود ئارقىلىق ساياھەت قىلىش» كىچىك پىروگراممىسىنى تەۋسىيە قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى سانىدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان ئەسەرلەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرماقتا، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت سەھنىسىگە يۈزلەندۈردى.

شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى بىرقانچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئېكراندا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان تارىخىي تېمىدىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»، دىراما «ئالتۇن رەڭ توغراق»، شىنجاڭ مۇزېيى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزۈلگەن سەھنە تىياتىرى «مىڭ يىللىق سۆز» كۆرسىتىلىۋاتاتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بۇ تىياتىرلارغا ئىنتايىن قىزىقتى. «خىزمەتچى خادىم ماڭا شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئورۇنلىنىش ۋاقتى بويىچە <مىڭ يىللىق سۆز>نى كۆرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ خىل بىرىكتۈرۈش شەكلى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.» جۇخەيدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچى جۇ شياۋرۇڭ بۇ يىل 9 - ئايدا شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىشنى پىلانلىدى، ئۇ شىنجاڭدىكى مەزگىلدە بىر مەيدان سەھنە تىياتىرى كۆرۈشنى ناھايىتى ئۈمىد قىلدى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى بەش قىز شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆرگەزمە ئويۇنى سەھنىسىدە 8 - مەيدان ئويۇنىنى باشلىدى، نازۇك، نەپىس ئۇسسۇل قىياپەتلىرى ئون ئىككى مۇقامدىن ئارىيە «جۇلا»نىڭ لەرزان ساداسىغا جور بولۇپ، تۈركۈم - تۈركۈم قىزغىن كۆرۈرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت