شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش كېرەك»
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ۋاڭ خاۋنەن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئىچكى موڭغۇل سەپىرى تۆت كۈن داۋاملاشتى، ئىككى جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىككى قېتىم يىغىن ئاچتى. خۇاڭخې دەرياسى ئەگرى - بۈگرى سوزۇلۇپ ئېقىپ ئۆتىدىغان باياننوردا، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى بۇنىڭغا «بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ باھا بەردى.

باياننور «جاھانغا داڭلىق خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى بىردىنبىر مۇنبەت تۈزلەڭلىك» خېتاۋ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئورمان قۇم بىلەن كۈچ سىنىشىپ كەلدى، سۇ ئېتىزلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلدى، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەر بۇ يەردە ماكانلىشىپ ياشاپ كەلدى.

كامېرانى يىراققا توغۇرلايلى. جۇڭگو تېررىتورىيەسىدە، غەربتە تارىم ئويمانلىقىدىن باشلىنىپ، شەرقتە سۇڭخۇاجياڭ - نېنجياڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىي قىسمىغىچە سوزۇلغان تۈمەن چاقىرىملىق قۇم - بوران بەلبېغى دەل جۇڭگونىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان جاي.

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ئاشۇ يىلى باشلانغان بولۇپ، «تۈمەن چاقىرىملىق قۇم - بوران بەلبېغى»نى «يېشىل سېپىل»غا ئايلاندۇرۇشقا ئىرادە تىكلەنگەنىدى. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىۋاتقىنىمىزغا 45 يىل بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى:

«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، بولۇپمۇ <ئۈچ شىمال> قاتارلىق قۇرۇلۇشلار توغرىسىدىكى تەدبىرى ئىنتايىن توغرا، ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىز تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۆلەت ئەھۋالى، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يولىنى تېپىپ چىقتى». «<ئۈچ شىمال روھى>نى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەشتە خەلقئارالىق ئۈلگە تىكلىدى».

ئورما مەزگىلى. «جۇ يۇسۇنلىرى»دا: «ئوت - چۆپلەر ئۆسكەن سۇلۇق جايدا زىرائەت تېرىپ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ» دېيىلگەن.

سۆھبەت يىغىنى «سۇلۇق يەر ۋە ئوت - چۆپ»كە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پىلان، دۆلەتنىڭ تەدبىرى. «<ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى»، ئۇ جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق رايونى دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىن كۆلىمىنى ئىگىلەيدىغان ئۈچ شىمال رايونىغا يېڭى ئۈمىد ئۇرۇقى چاچتى.

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىش»تىن ئىبارەت دەۋر چاقىرىقىنى چىقاردى.

«چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، <ئۈچ شىمال> قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك.» «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا باش شۇجى ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى.

«بىر ئۇلۇغۋار پىلان» ئىچىدىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»

«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە تۇرۇپ، قانچە ئۇزاق ئۆتمۈشنى كۆرگەندىلا، شۇنچە يىراق كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

ئېكولوگىيە مەسىلىسى تارىخىي نەزەر دائىرىنى سىنايدۇ.

ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم ئىچكى موڭغۇلغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ھەر قېتىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈستىدە توختالدى. بۇ قېتىم، ئۇ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ شىمال تەرىپىدە مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئىچكى موڭغۇل جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بۇ باش تېما باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بېيجىڭدىن باياننورغا يېتىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۇلاستاي كۆلىگە بېرىپ سۇنى كۆردى؛ ئاندىن ئۇلاستاي كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىغا بېرىپ، ئېتىزلارنى كۆردى.

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، لىنخې رايونىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، ئورماننى كۆردى؛ ئارقىدىن خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مىقدارىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىگە بېرىپ ئۆستەڭنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، ئۈچ شىمال رايونىدىكى ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆكخوتقا كېلىپ، جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئىجادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆردى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن خىزمەتلەردە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يەنىلا «بىرىنچى مۇھىم» ۋە «يۆنىلىش» قىلىندى.

يول بويى ھەممىلا يەردە سېرىق ۋە يېشىل رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، شۇنداقلا كۈچ سىنىشىۋاتاتتى. پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلار، شورلۇق يەر ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىققان مايسىلار، قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دەرەخلەر، يەنە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلىغان سۇغىرىش ئۆستىڭىدىن ھاسىل بولغان تور... ھەممىسى بۇ تۇپراقنىڭ تۈنۈگۈن باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ۋە بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقانلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى.

تۆكۈلگەن بىر يوپۇرماق كۈزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈچ شىمالدىكى زېمىندا ھەر كۈنى ھەم قەدىمىيلىك بار، ھەم يېڭىلىق بار.

قەدىمكى زاماندا مۇنبەت دالىلار چەكسىز كەتكەن بولۇپ، يايلاقلار مۇنبەت، گۈزەل ئىدى.

ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، نوپۇس شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش شەكلىدىكى ئېچىشنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرىدە، كىلىمات ئۆزگەردى، قۇم - بوران كۆتۈرۈلۈپ، ھۇۋۇلدىغان ئاۋازلار بارا - بارا كۆپەيدى. يېشىل رەڭ سۇسلاپ، ھەممە يەرنى سېرىق رەڭ تەدرىجىي قاپلىدى، يەرلەر قۇملىشىپ، جىلغىلار بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتتى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، «ئۈچ شىمال»نىڭ قىياپىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى.

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان 1978 - يىلى دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان دەۋر چوڭ دولقۇنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتايىن مول ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن نەزەرىنى كېيىنكى ئەسىردىكى 2050 - يىلىغا تىكىپ، ھالقىش ئارىلىقى 73 يىل بولغان بىر ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى پىلانلىدى.

بۇ قۇرۇلۇش ئۈچ شىمال رايونىدىكى 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق جايلاردىكى 725 ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشتى.

ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ غايەت زورلۇقى، ئىرادىنىڭ قەتئىيلىكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ!

شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تىزگىنلىنىۋاتقان قۇملۇققا كىرىپ، شۇنچە يىللار، شۇنچە كۈنلەردىن بۇيان تىكىلگەن دەرەخلەرگە خېلى ئۇزاق سىنچىلاپ قارىدى. دەرەخلەر قۇملۇقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يوپۇرماقلىرى كۆككە بېقىپ تۇراتتى. باش شۇجى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<ئۈچ شىمال> ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مۇشۇنداق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ئاجىز، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بىر ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ۋەزىپە، بىز جەزمەن بۇ خىزمەتنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئەجدادلىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك».

«ئەجدادلىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك»، بۇ سالمىقى ئېغىر ۋەدىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى زىممىسىگە ئالدى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىرادە باغلىغان بىر چوڭ پارتىيەنىڭ بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەردىكى شىجائىتىنىڭ زورلۇقى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، نەتىجىسىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى.

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كەلدى، شەكىللەندى ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇشتىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى.

باش شۇجىنىڭ ئاياغ ئىزىنى بويلاپ، ئۈچ شىمال رايونىغا نەزەر سالايلى. ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ... قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش باشتىن - ئاخىر قەلبكە پۈكۈلدى.

بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان ئۇلاستاي كۆلىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل ياد ئېتىپ تۇردى. 2021 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «ئۇلاستاي كۆلى توغرىسىدا مەن كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، يەنە ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك».

ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى. تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، ۋاقىت ئېقىمىدا چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى نامايان بولدى.

ئۈچ شىمالنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى، كۆك ئاسمان، زۇمرەتتەك سۇ، يېشىل يەرنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بولدى. نۇقتىلىق تىزگىنلەش رايونلىرىدا «قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ياخشى ئايلىنىشقا قەدەم قويۇپ، چۆللەشكەن رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سۆھبەت يىغىنىدا، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى دەۋرگە نەزەر سېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قىلىشتا، يۇقىرىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا يۈز كېلەلىشىمىز، تۆۋەندە ئەۋلادلىرىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك. تەبىئەتكە نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولۇشىمىز كېرەك، <ئۈچ شىمال> ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تارىخقا مەسئۇل بولۇشىمىز، خەلققە مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك».

«بىر تاختا چوڭ شاھمات» ئىچىدىكى سىستېما قارىشى

«بۇ ئىشتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ.» تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى «تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىش»قا ئوخشاتتى، «سەللا دىققەت قىلمىساق چوڭ تاش دومىلاپ چۈشىدۇ».

دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، چۆللىشىپ كەتكەن يەرلەر ئاساسلىقى ئۈچ شىمال رايونىغا تارقالغان. بۇ يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يەر كۆلىمى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ، دەرىجىسى ئېغىر، تۈزەش قىيىن بولۇش قاتارلىق قاتمۇقات ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلدى. قۇرغاقچىلىق، يامغۇر ئاز يېغىش، ئېكولوگىيە ئاپىتى كۆپ يۈزبېرىش قاتارلىقلار قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.

45 يىل جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش «قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش» باسقۇچىغا قەدەم قويدى. «دۆلىتىمىزدە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ.» باش شۇجى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

2050 - يىلىنى چىڭ كۆزلەپ، 2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە قاتتىق كۈچەش. «بىر تاختا چوڭ شاھمات» ئىستراتېگىيەلىك پىلانى تۈزۈلدى. 2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ 6 - قارارلىق قۇرۇلۇش مەزگىلى بولۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى.

«ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ تىرىشىپ <ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشىدا بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش كېرەك».

73 يىللىق ئۇلۇغۋار يىرىك پىلان يېرىم مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ 10 يىلدا قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەش جەزمەن ئاچقۇچلۇق، شۇنداقلا مۇقەررەر «قىيىن» بولىدۇ.

«ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈشنىڭ مۇناسىۋىتى»نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، «ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەم <ھالقىلىق تۇتقا>نى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»، باش شۇجىنىڭ سىستېما قارىشىدا ئەكس ئەتكىنى «بىر تاختا چوڭ شاھمات»تىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى، شۇنداقلا «نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش» مېتودولوگىيەدىن ئىبارەت.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭ: خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمىسىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، خورچىن، خۇنشەنداقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇق يېرىنى يوقىتىش جېڭى، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى چېتى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەرىتىدىن قارىغاندا، بۇ بىرقانچە قېنىق سېرىق رەڭلىك نۇقتىنى ئېلىۋەتكەندە، بىر بۆلەك يېشىل رەڭلىك سىزىقنى تۇتاشتۇرغىلى بولاتتى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ مۇكەممەل ھەم ھەيۋەتلىك بولغان شىمالىي چېگرادىكى يېشىل سېپىل، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى تۇتاشتۇراتتى.

«ئىقتىدارى مۇكەممەل، يىمىرىلمەس بولۇش كېرەك»، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2030 - يىللىق «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدىن كۈتكەن ئۈمىدى، شۇنداقلا سىستېما قارىشىدا ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى توغرا تېپىپ، نۇقتا ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغاندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان ئىدى.

سىستېما قارىشى يەنە ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئىگىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، نەچچە ئون يىللىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خېتاۋ تۈزلەڭلىكىدە ئادەم بەدىنىدىكى قان - تومۇرغا ئوخشاش كېڭىيىپ، تارقالغان يەتتە دەرىجىلىك سۇغىرىش - زەي چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

تۈزلەڭلىكتىكى توغرىسىغا تۇتاشقان باش غول ئۆستەڭدىن، ئېتىز باشلىرىغىچە بولغان ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىدىغان، بىرنەچچە ئالىقان كەڭلىكىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭلەرگىچە، يەتتە دەرىجىلىك سۇغىرىش - زەي چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىدا، تەبىئەتنىڭ كۈچى ئەڭ ئاخىرى «بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدى».

«ئۆستەڭ چاپقان كىشىنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، تارىختا نامى قالىدۇ!» باش شۇجى چۆللۈكنى ئېچىپ، مۇنبەت دالىنى سۇغىرىدىغان بۇ سۇغىرىش سىستېمىسىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

ۋاقىت توختاپ قالمايدۇ، خېتاۋنى تىزگىنلەش پەقەت داۋاملىشىدۇ.

«كېيىنكى قەدەمدە يەنە نېمە قۇرۇلۇش قىلماقچى؟» باش شۇجىنىڭ سوئالى نەزەر دائىرىنى كەلگۈسىگە يېتەكلىدى.

«زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش» دېگەن جاۋابنى ئاڭلىغان باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: بىرىنچىدىن «كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىپ» پىلانلىق مەبلەغ سېلىش، ئىككىنچىدىن «كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش»، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىدا تېرەك، سۆگەت، يۇلغۇن بار بولۇپ، بەزى دەرەخ تۈرلىرى يېڭىلىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىدى.

باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەزەلدىنلا ئاجىز بولۇپ، بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەم مۇۋاپىق بولمىغان جايدا قۇملۇقنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ھەم قاراپ تۇرۇشقا، قورقۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بەزى قۇملۇقلارنى ئۆزگەرتسىمۇ ياخشى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە قىلساق بولمايدۇ».

بۇ تاپىلاشقا بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى پىكىر سىڭگەن بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت نەزەر دائىرە داۋام ئەتكەنىدى.

2021 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك».

بىر سۆزنىڭ قوشۇلۇشى سىستېما قارىشىنى چوڭقۇر ئىزاھلاش بولۇپ، «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى.

بۇ قېتىمى سەپەردىكى ئۇلاستاي كۆلىدە تەكشۈرۈشتە بولۇش دەل بۇنىڭ روشەن دەلىلى.

كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا تىزگىنلەش تەپەككۇرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى: ئەڭ دەسلەپكى «سۇدا مەسىلە بولسا سۇنىلا تۈزەش» ئۇزاققىچە ئۈنۈم بەرمىدى. باش شۇجىنىڭ سىستېمىلىق تۈزەش قارىشىنى قوللانما قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىرلىكتە بىرتۇتاش ئويلانغاچقا، ئەندىزە ۋە ئۈنۈمدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

خېتاۋ رايونىدىكى %90تىن ئارتۇق ئېتىزدىن چىققان زەينى قوبۇل قىلغان ئۇلاستاي كۆلى ئىلگىرى قومۇشلار بىلەن تولغان، سېرىق يۈسۈنلەر قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، «كېسىلى» ئېغىر ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قىرغاققا بارماي تۇرۇپلا، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان، كۆل بويىغا كەلگەندە، بېلىقلارنىڭ ئەركىن ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى. «چېگرا بوستانلىقىدىكى مەرۋايىت» قايتا جۇلالاندى.

شاھماتنى كۆزەتكەندە، كۆڭۈلگە پۈتۈن ۋەزىيەتنى پۈكۈش كېرەك؛ شاھمات ئۇرۇقىنى ماڭغاندا، كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش كېرەك.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، قۇم - بوراننىڭ زىيىنى ئېغىر بولدى، يېشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق دەرەخ بولسا شۇنداق دەرەخ تىكىلدى، كۆپ ھاللاردا ئون دەرەخنىڭ يەتتىسى قۇرۇپ كەتتى. ھازىر، غوللۇق دەرەخ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە غوللۇق دەرەخ، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ، چاتقال ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە چاتقال ئۆستۈرۈلدى، قۇملۇق بولۇشقا ماس كەلسە قۇملۇق پېتى قويۇلدى، قۇمدىن دەل جايىدا مۇداپىئەلەندى، قۇم دەل جايىدا تىزگىنلەندى.

«يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئىلمىي تاللاپ، ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تىپى ۋە زىچلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى:

«بىز ھازىر ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت رايونلىرىنى پىلانلاۋاتىمىز، ئۇنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، بەزىلىرى تېرىقچىلىق رايونى بولۇپ، ئورمان يېرى، ئوتلاقنىڭ ھەممىسىنى پىلانلاۋاتىمىز، ھەممىسىدە بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ جەرياندا ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، تۈرلۈك - تۈمەن پەرقلىق ئەھۋاللارنى ئويلىشىپ، دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىرتۇتاش ئويلىشىش كېرەك».

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى شەرقتىن غەربكە 4400 كىلومېتىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنىغا قويۇپ ئويلاشقاندا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور.

دۆلەت ئىدارە قىلىش چاڭ تارىسىنى تەڭشىگەنگە ئوخشايدۇ، تارىلار بىر - بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ، ئۇدارى جىپسىلاشقان.

بۇ يەرنىڭ ئاسمىنىدا، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۇلتۇزدەك چاقنىدى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئاساسى دەل ئېكولوگىيە. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي بازىسى.

دۇنياۋى ئۆلچەمدە، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. سۇ ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، كاربون ئامبىرى ئىقتىدارى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيە قىممىتى بولۇپ، «چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»تىكى مۇستەھكەم ئاساسقا ئايلاندى.

«ئۈچ شىمال روھى» ئىچىدىكى بوشاشماي كۈرەش قىلىش

«يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى، دايۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى، جۇڭخۇا مىللىتى تەبىئىي ئاپەت بىلەن نەچچە مىڭ يىل كۈرەش قىلىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىدە قەدىمىي مىللەتنىڭ تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا باش ئەگمەيدىغانلىقى، قىلچە قورقۇپ قالمايدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئادەم بىلەن قۇمنىڭ كۈچ سىنىشىشى بىر ئۇزۇن سەپەر.

سېرىق قۇم بىلەن يېشىللىقنىڭ تىركىشىشى بوشلۇقتىكى ئېلىشىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىۋى تىركىشىش.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى ئۆزى كۆرگەن ئۆمۈر بويى قۇمنى تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرغان ئاشۇ كىشىلەر توغرىسىدا توختالدى: نىڭشيادىكى «قۇم تىزگىنلەش قەھرىمانى» ۋاڭ يوۋدې، گەنسۇ بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى كۆزىتىش مۇنارىدا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغان ئەر - خوتۇنلار...

ئۇلارنىڭ سىيماسى ئۈچ شىمال تۇپرىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاددىي ھەم قەيسەر ئىدى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلدى. مۈرىدە كۆتۈرۈپ، قولدا كولاپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت دۇنيا دەرىجىلىك بۇ قىيىن مەسىلە ئالدىدا، ئۈچ شىماللىقلار پۈتۈن ھاياتى بىلەن بوستانلىق بەرپا قىلىشقا قەسەم قىلدى. قاداق باسقان سانسىزلىغان قوللار، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن سانسىزلىغان چىرايلار، «ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ ئىشلەش»، بوشاشماي كۈرەش قىلىش بولىدىكەن مۇقەررەركى تامچە سۇ تاشنى تېشىدۇ، مۇقەررەركى سېرىق قۇم يېشىللىققا پۈركىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىلھام بېرىپ، دائىم خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىدىن ھاياجانغا چۆمدى.

شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىدا، مەسئۇل كىشى قۇملۇق يەردە دۆۋىلىنىپ كەتكەن كىچىك دانچىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ <بۇيا> دەپ ئاتىلىدۇ، پېشقەدەم دېھقانلار بىر قاراپلا قۇملۇق يەرنىڭ تۇپراقلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە زىرائەت تېرىسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ».

باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق مۇھىتتا قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ئىزدىنىش روھى».

سۇ مىقدارىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىدە، باش شۇجى بىر تەرەپتىن قۇم مودېلىنى كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۈچ ئالاھىدە چوڭ سۇغىرىش رايونىنىڭ بىرى بولغان خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق سۇغىرىش تارىخىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

دەريالارنى تىزگىنلەش تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىدىكى ئېغىر ۋەزىپە. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمال دەريا يولىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسىدە يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان خېتاۋ سۇغىرىش رايونى يىنشەن تاغ تىزمىسىنىڭ باغرىغا جايلاشقان، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن باشلانغان «دەريا سۈيىنى باشلاپ ئېتىزلارنى سۇغىرىش، تەبىئەتنىڭ كۈچىگە ئېرىشىش»، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش»، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «شەھەر قۇرۇپ چېگرانى مۇستەھكەملەش»، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «سالالاشتۇرۇپ يەر تېرىش»، ئاندىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن مىنگو دەۋرىگىچە بولغان «شىكوۋدىن چىققان» يۇرتداشلار بوز يەر ئېچىپ ئۆستەڭ چېپىشقىچە، سۇغىرىش رايونى داۋاملىق گۈللەندۈرۈلۈپ كەلگەن.

بىر مەزگىل تىزگىنلەيدىغان چۈشۈرگە قاپقىسى بولمىغاچقا، سۇ ئۆزلۈكىدىن باشلىنىۋېرىپ، سۇغىرىش رايونىدا «قۇرغاقچىلىق بولغاندا سۇ باشلاش قىيىن بولۇش، سۇ كۆپ بولغاندا ئېقىپ ساھىلغا لىق تولۇش»تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، بىرلا ئېغىز ئارقىلىق سۇ باشلىنىدىغان ئاقتۇرۇپ سۇ باشلاش سۇغىرىش رايونى قۇردى.

«تۈمەن چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسىدىكى بىرىنچى چۈشۈرگە» سەنشېڭگۇڭ سۇچىلىق تۈگۈنى مۇشۇنىڭ بىلەن قۇرۇلدى. يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن جۇمھۇرىيەتنىڭ مىليونلىغان قۇرغۇچىسى پەس، بوم ناخشا ئاۋازى بىلەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئومۇمىي خورنى ياڭراتتى.

يەنە 60 يىل ۋاقىت ئۆتتى. قۇم مودېل ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە دەرىجىلىك سۇغىرىش - زەي چىقىرىش سىستېمىسىنى تەپسىلىي كۆردى. باش غول ئۆستەڭ سۇغىرىش رايونىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، قىل قان تومۇرغا ئوخشايدىغان تارماق ئۆستەڭلەر ئېتىزلارغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ھەربىر قىل قان تومۇردىكى سۇ ئورنى، ئېقىن مىقدارىغا ئېنىق بەلگە سېلىنغانىدى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، بىز لاي - لاتقا كۆپ ھالەتتە ئېقىۋاتقان سۇنى ئۆلچەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدۇق، «كېيىنكى قەدەمدە يەنە زامانىۋى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز».

«بۇ بىر يۈرۈش سىستېمىغا زور كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ ھەم شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. ئۇ كەلگۈسىدە يۈز يىللىق، مىڭ يىللىق ئىش سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سۇغىرىش ئۆستىڭى قۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ، مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بىرى بىزنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي بايلىق شارائىتىمىز، يەنە بىرى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئەمگەكچان، باتۇر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن، ئىنتايىن قىممەتلىك».

سۇنى تىزگىنلەش ئاسان ئەمەس، قۇمنى تىزگىنلەش تېخىمۇ تەس. چىدامچانلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا يەنە بۆسۈپ ئۆتۈش غەيرىتى، ئىجاد قىلىش ئەقىل - پاراسىتى قوشۇلۇشى كېرەك.

نىڭشيانى ماۋۋۇسۇ، تېڭگىر، بادەنجىلىندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇملۇق قورشاپ تۇرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر بۇ يەرگە تىكىلسە، بىرلا شامال چىقسا كۆزدىن غايىپ بولىدۇ.

دەل مۇشۇ جايدا قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر «جۇڭگونىڭ سېھىرلىك كۇبىكى» − پاخال تىكىپ كاتەكچە ھاسىل قىلىپ، سۇ - تۇپراقنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يېشىللىق بەرپا قىلىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى.

ئۈچ شىمال رايونىنىڭ قۇم تىزگىنلەش قوللانمىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قان - تەرى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تولغان: پەلەمپەي ئېتىز ياساش، توسما ياساش، سۇ ئامبىرى ياساش، سۇ باشلاپ قۇمنى ئېقىتىش، چۆرىسىنى توسۇپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، بۇرمىلىق بۇرغىلاپ تېرىش ئۇسۇلى، سۇ تېجەش قاچىسى ياساپ تېرىش ئۇسۇلى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەمەلىي قوللىنىشتا ئۈنۈملۈك بولغان تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى شارائىتىغا قاراپ قوللىنىش، ئىلمىي كېڭەيتىش كېرەك. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز يېڭىلىق يارىتىپ نىڭشيا جۇڭۋېي شاپوتوۋ ئەندىزىسى، ئىچكى موڭغۇل دېڭكوۋ ئەندىزىسى، يەنە كۆپچى ئەندىزىسى، شىنجاڭنىڭ كۆكيار ئەندىزىسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندۇق».

تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش؛ تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش. شورلۇق يەر، چۆللۈك، قۇملۇق يەردىكى «قۇملۇقتىكى كۈلبە» «نامراتلىق كۈلبە»لىرى كۆچۈرۈپ كېتىلدى. «ئۈچ شىمال روھى» ئادەم ئارقىلىق يارىتىلدى، شۇنداقلا ئادەمنى ئۆزگەرتتى.

باش شۇجى قەيەرگىلا بارسۇن، پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى ھەمىشە كۆڭلىگە پۈكتى.

ئېتىز قىرىدا، يەرنى ئوبوروت قىلىپ ھۆددىگە ئېلىشنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان - يەتكۈزمەيدىغانلىقى، شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى كۆپەيتكىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تەپسىلىي سورىدى. ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ھەممە ئائىلىلەرنىڭ «ئاشلىق»ى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قۇملۇقتا، يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆپ مەنبەلىك ئىقتىسادتا ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلاندى. چۆللىشىشنى تىزگىنلەشنى كەسىپلەشتۈرۈش يولى چوڭ ئىش.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورتاق بېيىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق بېيىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، لېكىن قىسقۇچپاقىغا ئوخشاش بىر - بىرىگە باغلىنىپ قېلىپ ھېچكىم مىدىرلىيالماسلىق ئەمەس، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. لېكىن <ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش> دېگەن كېيىنكى يېرىم جۈملە سۆزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولىمىزغا ماس كېلىدۇ، توغرا يولدا دەل مۇشۇنداق مېڭىش كېرەك».

«قوش ئايلىنىش»تىكى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشى

ۋاقىت بىر يېڭى دەرۋازىنى ئاچتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ شىمالدىكى ئۆزگىرىشلەر دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىشى يېڭى «ئانا دەريا» ھېكايىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى «ۋاقىت جەدۋىلى» كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىدا، يېشىل تەرەققىيات، ئىجادىي تەرەققىيات جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ «شەرقتە ئورمان، غەربتە تۆمۈر، جەنۇبتا ئاشلىق، شىمالدا چارۋا، ھەممە يەردە كان بايلىقى بار» دېگەن نامى بار، 17 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. داۋاملىق بايلىققا تايىنىپ ياشاش كېرەكمۇ ياكى باشقا چىقىش يولى تېپىش كېرەكمۇ؟

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆكخوت شەھىرىدىكى جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىغا كەلدى. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى كەسىپلەر ھەممىلا جايدا يېڭى ئۈمىدنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى.

باغچە رايونى قۇرۇلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، بۇ جايغا ماكانلاشقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە يورۇقلۇق ۋولت ساھەسىدىكى 16 كارخانا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا بەس - بەس بىلەن بىرىنچى پەلەمپەيسىمان ئەترەت قاتارىغا كىردى، بۇ جاي يەنە ئۈچ شىمال رايونىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ماڭغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرىنى ئاساسىي كۈچ قىلىپ تەرەققىي قىلغان يورۇقلۇق ئېلېكتىر كەسىپلىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدىكى بىر جەڭگىۋار قوشۇن. ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ، باش شۇجى قۇملۇقتىكى ئاشۇ چوڭ تۈرلەرنى تەپسىلىي سورىدى، قىزىل سىزىق، كۆك سىزىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«كېيىنكى قەدەمدە قانداق پىلانىڭلار بار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

شۇ جايدىكى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەسئۇل يولداشلارغا شۇنىسى ناھايىتى ئايدىڭ ئىدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، 2025 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمى ۋە توك چىقىرىش مىقدارى 2022 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك، سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: «ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېنېرگىيە كەسپى ئۇزاقتىن بۇيان كۆمۈرنى ئاساس قىلىپ كەلگەن، كۆمۈر سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەنىدى، لېكىن كەسىپ بەك يەككە بولۇپ قالسا بولمايدۇ، كۆپ مەنبەلەشكەن تەرەققىيات − يۆنىلىش. ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، يېڭى ئېنېرگىيە، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل جۇڭگو قۇرۇش كېرەك».

قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىق كېرەك، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى كەلدى.

بىر قاتار تونۇشتۇرۇش باش شۇجىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: «بايا سىلەر بۇ ئىككى، ئۈچ يىلدا بەزىلىرىنى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك، بەزىلىرىنى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاشنى ئېيتتىڭلار. ئىچكى موڭغۇلنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى، بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم!»

قەتئىي بوشاشمىغاندىلا يىراق مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال تۇپرىقى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش جەريانىدا، «قىممەتنى ئاشۇرۇش» يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ كەلدى.

كىرېمنىي ياپراقچىسى يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرىنىڭ «ئۇلى»غا ئوخشايدۇ. سانائەت باغچە رايونىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىردى، يەككە كىرىستاللىق پېچ سەپكە تىزىلغان ئەسكەرلەرگە ئوخشاش قاتار - قاتار بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇلار كېچە - كۈندۈز ئايلىنىپ، كىرېمنىي تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاندىن بۇ تاياقچىلار كېسىپ يالپاقلىنىپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى ياسىلىدۇ. كارخانىدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىچىدە ئېھتىياج يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەللەرگىمۇ سېتىلىدۇ».

كۆرگەزمە زالىدا نەتىجە قەغەزلىرى بىر قاتار قويۇلغانىدى:

2019 - يىلى 12 دىيۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت كىرېمنىي ياپراقچىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ، كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى، يورۇقلۇق ۋولت توك تەننەرخى %6.8 تۆۋەنلىدى.

ھازىر، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىينى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى نىشانلاپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىۋاتىدۇ.

بىر قولدا يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تۇتۇش، بىر قولدا زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تۇتۇشتا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەمەلىيىتى كىشىلەرگە ئىلھام بەردى. يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل بولۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بۈگۈنكى دەۋر تېمىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.

«ھازىر، بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزىمىزگە تايىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، پەن - تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشىمىز كېرەك» باش شۇجى كەلگۈسىنى كۆزلىدى.

ھەر خىل مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان بوران - چاپقۇن، دەھشەتلىك دولقۇن ئىچىدە، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، بۇ، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. <قوش ئايلىنىش> بېكىنمىچىلىك ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگەندە، بىز ئۆزىمىز يەنە ياشىيالايدىغان بولۇش، تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدىغان بولۇش. بىز ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىمىز، كىم بىز بىلەن ھەمكارلاشقىلى كەلسە ھەممىسىنى قارشى ئالىمىز. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى داغدام يول، كۆپچىلىك ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشلا ئەڭ ياخشى ئىش».

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، چوڭ ئەندىزە، چوڭ ئىستراتېگىيە.

كەڭ زامان - ماكان كوردىناتىدا زامانىمىزدىكى جۇڭگوغا نەزەر سېلىپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى «ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت»كە نەزەر سېلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت، يىراق كەلگۈسى، چوڭ يۈزلىنىش ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم سۆزلەپ، دائىم يېڭىلاپ تۇردى. بۇ قېتىم، ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى گۈللىنىش يولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەر زومىگەرلىك، مونوپوللۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىزنى بېقىندى قىلىپ ئەگەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم گۈللىنىشىمىز كېرەك! بىز داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يەنە يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىمىز كېرەك!»

تارىخ ئەزەلدىن جان تىكىپ ئېلىشىدىغانلار، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ.

100 يىللىق كۈرەش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىنتىلىش تارىخى، شۇنداقلا زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش تارىخى.

جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانى قەلبىگە پۈكتى.

يېشىل تەرەققىياتتا، جۇڭگو «ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى خەلقئارالىق ئۈلگە»نى تىكلىدى. نەزەردە تۇتۇلغىنى گۈزەل جۇڭگو بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى بولۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى؛ ئىجادىي تەرەققىياتتا، جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەم ئۆزىگە بەخت ياراتتى، ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.

داغدام يول خۇددى بىلەي تاشتەك تەكشى، توختىماي ئىلگىرىلىگەنلەر مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ. بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىشتىكى بىر قېتىملىق جۇڭگو ئىزدىنىشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۇتىشىدىغان بىردىنبىر توغرا يول، ئۇ تارىخىي خاراكتېرلىك، شۇنداقلا دۇنياۋى خاراكتېرلىك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت