شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-09 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈرتكە بولدى −

ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

بۇ بىر مەيدان يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەدە چېنىقىش، تېخىمۇ مۇھىمى دەل ۋاقتىدا بولغان بىر قېتىملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى شىنجاڭدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا.

باش تېما تەربىيەسى باشلانغان ئىككى ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە مۇھىم تەكشۈرۈش قىلىپ، باش تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا كۈچ مۇجەسسەملىدى.

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش

«بىز پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشلىق باھار گۈللىرىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىق ئەمەلىيىتىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز...» 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ قورۇسىدا «شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى قەلب ئېتىزىنى ئوزۇقلاندۇردى − قەدەم ئىزلىرىنى بويلاپ مېڭىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش» بويىچە «باش شۇجى شىنجاڭغا رىشتە باغلىدى» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى. پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى تەسىرلىك بايان قىلىپ، ئالاقىدار مۇھىم بايانلارنىڭ ئەسلىي تېكىستتىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ بۇلتۇر 7 ـ ئايدا شىنجاڭ داشۆنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى.

نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن چېنىقىشنى قوبۇل قىلىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئورۇنلار نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى باش ۋەزىپە قىلىپ، يەتتە كۈندىن كەم بولمىغان كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزى گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇش، «1 ـ قارالما» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ھەر ھەپتىدە مەركەزلىك ھالدا يېرىم كۈن ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكلىي تۇرمۇشىدا ئالدى بىلەن بىر سائەت ئۆگىنىش قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەقىقىي ئىشىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

4 ـ ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى بەش قېتىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئون نەچچە رەھبىرىي كادىر مەسئۇل ساھەلەر، ئۆزى تۇرۇشلۇق ياچېيكىلارغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيەۋى ئاساسنى پۇختىلىدى.

1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشىنى بەس ـ بەستە قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى. دەرس مۇنبىرىغا چىقىپ، پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دەرس سۆزلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى 100 قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھى ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چوڭقۇر ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىدى.

نېمە ئىش قىلسا شۇنى نۇقتىلىق ئۆگەندى، نېمە كەم بولسا شۇنى نۇقتىلىق تولۇقلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلىش داۋامىدا كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازا قۇرۇلۇشى، پەن ـ مەدەنىيەت تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چۆرىدەپ يۆنىلىشنى تېپىپ چىقتى، پىكىر يولىنى تېپىپ چىقتى، چارىنى تېپىپ چىقتى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈشكە تۆت قېتىم تەكلىپ قىلدى، ھەر قېتىم سىن شەكلىدە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ 14 مىڭ 300دىن ئارتۇق ئەزاسىنى قاپلاپ، كۆپچىلىكنىڭ تونۇش، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

ئۆگىنىش مەزمۇنىنى پۇختىلاپ، شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق ياراتتى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا «باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس تېمىسىدىكى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردا «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» بويىچە توردا سوئالغا جاۋاب بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى...

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتە چېنىقىش داۋامىدا، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىدى.

مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، تەدبىر بەلگىلەش

«بوۋا، تۇرۇبا سۈيى ھەر ۋاقىت بارمۇ؟ سۇنىڭ بېسىمى يۇقىرىمۇ؟» «ئىلگىرى يۇيۇنغاندا سۇ پۈركۈگۈچتىن ئاستا ـ ئاستا ئېقىپ چىقاتتى، يېقىندا كەنتتە سۇ تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇيۇنغاندا سۇ پۈركۈگۈچتىن ئېتىلىپ چىقىدىغان بولدى، بەك راھەت»... بۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر توقسۇ ناھىيەسىدىكى بىر ئائىلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ، «يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرى» بويىچە ھەر تەرەپلىمە قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۈچ كۈن زىچ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىزمەت ئۈنۈمىنى كۆردى، شۇنداقلا ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېخىمۇ كۆرۈپ يەتتى، ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق رەتلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى «مەسىلە تىزىملىكى»نى «ئۈنۈم تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىچىدىغان سۈيىدىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشقا ئېرىشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى خىزمەتلەرنى تۇتۇش، ئىش قىلىشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسىي ئۇسۇلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن 12 تەرەپنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قاپلىغان 20 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ شەكىللەندۈرۈپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تىزىملىكى»نى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇردى −

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈر نەق مەيدانلىرى، كارخانا ـ باغچە رايونلىرى، پورت ـ چېگرالار، يېزا ـ بازار، كەنتلەرگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى توغرا تېپىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چارە تېپىپ چىقتى.

ئۆلكە دەرىجىلىك 46 نەپەر رەھبەر «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە 81 قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پائال پايدىلىنىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلدى، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋال ۋە خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە رەتلەش، قىيىن مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولدى −

بۇ يىل 4 ـ ئايدا، خېشېڭ كىرېمنىي كەسپىي پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش تۈرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تاللىغان يەر بۆلىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»گە كىرگۈزۈلمىگەچكە، ماكانلىشىپ جايلىشىشى قىيىن بولۇپ، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرەلمىگەنىدى.

كارخانىنىڭ تۈرگە يەر ئىشلىتىشتىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پىچان كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار كەسىپ بازىسىغا بېرىپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش تۈرىگە يەر ئىشلىتىش ھەم پىلانلاش خىزمىتى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئىگىلىدى ھەم پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، تۈرگە يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىتىش ئىشلىرىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، سىياسەت، قانۇن ـ نىزام شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رامكا ئىچىدە بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ تۈزىتىپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ جايدىن تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، بۇ تۈرنىڭ بارلىق يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ھەم كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىغا قارىتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى سىياسەتنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ داۋاملىق تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىشى، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر ئۈستىدە ئىزدەندى، 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ 5300 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەرەققىياتتا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئىسلاھاتتا تەخىرسىز بولۇۋاتقان، ئاساسىي قاتلام تەقەززا بولۇۋاتقان، كىشىلەر قەلبى ئىنتىلىۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش

ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، بىلىش شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 ـ ئومۇمىي يىغىنى، 2023 ـ يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى قاتارلىقلار ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى (2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى... ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى ـ تۆۋەننى تەپەككۇردىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، ئەمەلىيەت يولىنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش ـ بولماسلىقىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە پىلانلىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قاتلامغا، تۈرلەرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، جەمئىي 1809 مەيدان قېتىم خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش بويىچە تۈرلۈك پائالىيەتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، 194 مىڭ 700 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالمىغان ئامانگۈل ياسىن يۇرتى يوپۇغا ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ كەلگۈسىدىن غەم قىلىۋاتقاندا، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئۇنى ئىزدەپ تاپتى. «خىزمەتچى خادىملار مېنىڭ كونكرېت ئەھۋالىمغا ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىمغا يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە ماڭا سۇياۋ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ بوغالتىرلىق ئىش ئورنىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى.» ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالىمەن».

2 مىليون 374 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، 1000 كەنتنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، گۈزەل يېزا ـ كەنتلەرنىڭ يېڭى كەيپىياتى سىزىپ چىقىلدى؛

58 مىڭ 700 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، شەھەر ـ بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، قىيىنچىلىقى بار ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ قەلبى ئىللىتىلدى؛

ئانار بۇلۇت تېرمىنالى «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىكرو ساقچى ئىشلىرى»نىڭ 89 تۈرلۈك خەلققە قولايلىق مۇلازىمىتىگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئابۇنىچىلار ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىكرو ساقچى ئىشلىرى»غا بىۋاسىتە كىرىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق توردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى بېجىرەلەيدىغان بولدى...

دىققەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، داۋالاش، ئېكولوگىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋەدە بەرگەن «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»تىن ئىبارەت 18 ئەمەلىي ئىش بىر ـ بىرلەپ رېئاللىققا ئايلانماقتا. 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئورۇنلار رەتلەپ چىققان باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە قىلالايدىغان 1650 ياخشى ئىشنىڭ ھەممىسى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، 627سى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

بىر تەرەپتىن ئۆگەندى، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇردى، بىر تەرەپتىن تەكشۈردى، بىر تەرەپتىن تۈزەتتى. باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئورۇنلار دىققەتنى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ـ تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە قايتا ئويلىنىدىغان مەسىلىلەر، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەر، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يولۇققان مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، بىرمۇبىر تىزىملىك تۇرغۇزۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، ئۇدۇل يول يوق، پەقەت ئەمەلىي ئىشلەشلا بار. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، غايىسىنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت