شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە − گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: قەلەم - سىياھلار دەۋرگە ئەگىشىپ تەۋرىتىلىپ، رەسىملەردە سادىق قەلبلەر تولۇق نامايان قىلىندى. 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023 - يىللىق جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە پائالىيىتى بولغان «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە» گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جياشىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە گۈزەل سەنئەتچىلەر «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» بويىچە تۇرمۇش ئۆگىنىپ ئىجاد قىلىش تەربىيەلەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

«سۇبېشى قەدىمىي شەھىرى» «مىڭئۆي رىتىمى» «گۈزەل يۇرت - ماكان» «بۆلۈمچىدىن چىقىش» «گۈزەل تۇرمۇش» «يېڭى ياشلار»... بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كۆرگەزمە قىلىنغان 120 پارچە ئەسەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم، سۇ بوياق رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان تېما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ھەم تارىخقا نەزەر سېلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش، ھەم ھازىرنى كۆزىتىش ۋە تەسۋىرلەش، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بولغان ئىزدىنىش ۋە تەسەۋۋۇرلار بار بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن گۈزەل سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان.

گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى شىنجاڭ سەييارە كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى. ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىكى مەقسەت يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قىزغىن كۈيلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قايناق رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋر روھىنى نامايان قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش داۋامىدا يېڭى دەۋرنى كۈيلەش، يېڭى تارىخىي داستانلارنى پۈتۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەردە جېجياڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈلمەس چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئارزۇ نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس جۇ دى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن مۇقىيات جارمۇقاممەت، سۈن خۇڭمېي، شۈ شيەنيى، لى جېنگو پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت