شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرىنى يېشىپ چۈشەندۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى».

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىياسەت - تەدبىر» دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلەندى.

يېڭى مۇساپىدە، نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش تەكىتلىنىدۇ؟ «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» قانداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قايسى جەھەتلەردىن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ۋە يارقىن نۇقتىغا ئىگە؟ يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇەن ۋەنجۈن ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

سوئال: يېڭى مۇساپىدە، نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش تەكىتلىنىدۇ، بۇنىڭدىكى كونكرېت تۇتقا نېمە؟

جاۋاب: جەنۇبىي شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بولمىسا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بولمايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قايتا - قايتا دەلىللەش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»دە جەنۇبىي شىنجاڭنى كەسىپ مەبلىغى جەھەتتىن يۆلەش، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، مۇھىم ئامىل كاپالىتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىقلارنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىش چىقىش قىلىنىپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

سوئال: «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش جەريانى قانداق بولدى؟

جاۋاب: بىر تەرەپتىن، رەھبەرلەر ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئۆمەك باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستقا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ دەلىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىپ دەلىللەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىككە، ئىجادىيلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە نۇرغۇن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى 30 نەچچە تارماق، ئورۇن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى ماسلىشىپ كۈچەپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ۋەزىپە تەقسىماتىغا ئاساسەن، مەخسۇس تېمىدا كەڭ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى ئورتاق تەتقىق قىلىپ تۈزدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، تولۇق پىكىرلىشىلدى. ھۆججەت تەييارلاش جەريانىدا، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ فۇنكسىيەسىگە چېتىلىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى يەنە كۆپ قېتىم تەتقىق قىلدى ھەم ساھە، تارماق ھالقىغان سىياسەتلەر توغرىسىدا تولۇق تەتقىق قىلىپ كېڭەشتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەن ئوتتۇرىغا قويغان 300گە يېقىن ئىلتىماس - تەلەپ، تەكلىپنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى ۋە قوبۇل قىلدى؛ ھۆججەت تەييارلاش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، شەھەرلىرى قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملاردىن قايتا - قايتا پىكىر - تەكلىپ ئالدى.

سوئال: «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»دە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ۋە يارقىن نۇقتىغا ئىگە؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئۇقۇمى كېڭەيتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى بويىچە، سىياسەتتىن پايدىلىنىش دائىرىسى جەھەتتە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، شەھەرلىرى تۇنجى قېتىم قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، يەنى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەسلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بايىنغولىن ئوبلاستى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 - شى، 2 - شى، 3 - شى، 14 - شىلىرىغىچە كېڭەيتىلدى. بۇ، بىر قېتىملىق مۇھىم، زور بولغان سىياسەت جەھەتتىكى بۆسۈش بولۇپ، ئىلگىرىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن نۇقتىلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر پۈتۈن رايون تەرەققىياتىنى قوللاشقا كېڭەيتىلدى.

ئىككىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەسەۋۋۇرى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»دە رايون ئومۇمىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتا پىلانلاش ئېلىپ بېرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي رايون تەرەققىياتىغا بولغان يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىمۇ بىر مۇھىم، زور بۆسۈش.

ئۈچىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. كەسىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. 37 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرنىڭ ئون تۈرىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يۈكسەك مەدەت بېرىلدى. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىنىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ قوزغىتىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جەمئىيەت كاپىتالى، خەلق ئىچى كاپىتالى، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى قاتارلىقلار جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۈنۈملۈك توپلىنىشقا يېتەكلىنىدۇ ۋە تۈرتكە بولۇنىدۇ، بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانا ۋە كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى كارخانىلار يېتىشتۈرۈلۈپ ۋە كىرگۈزۈلۈپ، كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. كەسىپ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى سۇ ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق ئېھتىياجلىرى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، قاتارلىقلار.

تۆتىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىشىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچ. «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»دە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى تېزلىتىش تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە، سىياسەت توپلانمىسى ۋە مۇلازىمەت ئېگىزلىكى بەرپا قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازار»دىن تولۇق پايدىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېزلىتىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى جەھەتتە، قىممىتى يۇقىرى نۇرغۇن سىياسەت - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇل مەبلىغىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش شەرتى مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلىپ، ئۇنۋان باھالاش جەھەتتە سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىپ، تولۇق كۇرس ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر باھالاش، تەكشۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەبلىغىنىڭ %80ىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارى بار بارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ۋە كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان ئائىلىلەرنىڭ 2024 - يىلى كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، قاتارلىقلار.

ئەڭ ئاخىرىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۇغۇرۇلۇشى نامايان قىلىندى. «بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» تۈزۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، بىڭتۇەننى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ سىياسەتنى ھەم يەرلىككە تەتبىقلاش، ھەم بىڭتۇەنگە تەتبىقلاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. لايىھە تەييارلاش جەريانىدا، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى پۈتۈن جەريانغا قاتناشتۇرۇلدى ھەم قايتا - قايتا پىكىر ئېلىنىپ، بىڭتۇەن تەرەپنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە بولۇش ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ھەقىقىي نامايان قىلىندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت