شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ»
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كەلدى

«ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ»

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلدى. ھىندىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 19 مۇخبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى قاتارلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى تولۇق ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھاياجانلانغان ھالدا بەس - بەستە مۇنداق دېدى: بۇ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مۇنبەت تۇپراق ئىكەن.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئاسىيا - ياۋروپا بىلەن تۇتۇشىشىدىكى مۇھىم يول ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر تۇنجى بېكەتتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش − ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كەلدى. «مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن تاۋارلار بۇ يەرگە يىغىلىپ، <تاشيولدا توشۇشنى ھاۋا يولىدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش> <تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش> قاتارلىق كۆپ خىل بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوبوروت قىلىنىدۇ...» كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمدى بىر چەت، يىراق جاي ئەمەسلىكىنى، بەلكى بىر يادرولۇق رايونغا، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلانغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلىدى.

«قىرغىزىستاننىڭ نۇرغۇن تاۋارلىرى جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ.» قىرغىزىستان AKIpress ئاگېنتلىقىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئىمانالىيېف ئازامات ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى قىرغىزىستاننى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنىڭ تېز قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ تۆمۈريولنىڭ چوقۇم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش ئىش تەرتىپى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا بىلەكنىڭ خىزمەت تەرتىپى ھەمدە گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «بۇ ئاپتوموبىللار ئاساسلىقى قايسى جايلارغا سېتىلىدۇ؟» «شىركەتنىڭ ھىندىستاندا زاۋۇت قۇرۇش پىلانى بارمۇ؟»... كۆپچىلىك شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكىدىن ھەيران قېلىش بىلەن بىللە، ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن پائال سودا پۇرسىتى ئىزدىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلى بولۇپ، 2005 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «جۇلا» قاتارلىق مۇقام سەنئىتى نومۇرلىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆردى. لەرزان مۇزىكا چېلىندى، ناخشا - ئۇسسۇللار قىزىپ كەتتى، كۆپچىلىك سەنئەتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن تەسىرلەندى ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدىكەن.» رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، «بۈگۈنكى رۇسىيە» تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ مۇھەررىرى، تەرجىمانى ئولۇفېمى يېلىنا مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت - سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتتى، تۈرلۈك قۇرۇق - ھۆل مېۋە، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ئۆزگىچە ئىمارەتلەر ھەمدە نەق مەيداندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن چىرايى قاتارلىقلار كۆپچىلىكنىڭ سۈرەتكە تارتىشىدىكى باش پېرسوناژغا ئايلاندى.

مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ باشقۇرغۇچى مەسئۇل مۇھەررىرى ئارىف سوھرات ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر كۆك رەڭلىك دوپپا ۋە مەززىلىك پېچىنە - پىرەنىكلەرنى سېتىۋالدى. «شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ يەرنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىناق، بەختلىك، مەدەنىيىتىنىڭ مول - رەڭدار، ئىقتىسادىي ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلىرىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق.

«قاتار مۇنبەر گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سىددىقى مۇھەممەد ئەشرەفمۇ ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى كىشىگە ناھايىتى زامانىۋى تۇيغۇ بېرىدىكەن، قاتنىشى قولاي، كوچىلىرى پاكىز، كېچىلىك مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ چوقۇم ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

بىر كۈن ۋاقىت گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، كۆپچىلىك يول بويى ماڭغاچ كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن ھېس قىلىپ، كامېرا ۋە قەلىمى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى خاتىرىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قايتىپ بارغاندىن كېيىن خەۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت