شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
2023 - يىللىق «5 - ئىيۇن» مۇھىت كۈنى ئاپتونوم رايون ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى. شۇ كۈنى 2023 - يىللىق «5 - ئىيۇن» مۇھىت كۈنى ئاپتونوم رايون ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت قوغداش تەشۋىق - تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قومۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا يەنە 2022 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ مەشىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋە مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ مەشىقىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەر ھەم 2023 - يىللىق «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى»دىكى «100 نەپەر ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيە - مۇھىت پىدائىيسى»غا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ يىل دۆلىتىمىز بېكىتكەن مۇھىت كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىش» بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتۈن جەمئىيەتنى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە يېتەكلەش؛ پۈتۈن جەمئىيەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقاتقۇچىلار ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىشقا پۇختا جەمئىيەت ئاساسى سېلىشتىن ئىبارەت.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ھەل قىلدى.

قومۇل شەھىرىدىكى ھەر ساھە ۋەكىللەر پائالىيەت نەق مەيدانىدا پۈتۈن جەمئىيەتكە «پۇقرالارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ھەرىكەت ئۆلچىمى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش يېشىل تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: قومۇل ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قومۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن ئېچىپ، قومۇل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

شۇ كۈندىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە يەنە «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش» باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، رەسساملىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ھەمدە ئېكولوگىيە - مۇھىت تۈزەش ئۈسكۈنىلىرى، كارخانىلارنىڭ مۇھىت قوغداش ئېنېرگىيە تېجەش ئۈسكۈنىلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت