شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. تۆت كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھېس قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن، ھەقىقىي شىنجاڭنى دۇنياغا ئۇقتۇرىمىز.

بارغانلىكى جايدا، خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇللار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ۋە كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىي چالغۇ كەنتىدە، شۇ جايدىكى ئامما ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئارىلاپ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە قول ئىشارىسى قىلىپ قىزغىن سالاملاشتى ياكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ بىللە سۈرەتكە چۈشتى.

ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا - ئاۋسترالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى راخمان روھان مۇھسىننىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىللە شادىيانە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەنمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر ئىكەن، مىللەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىپتۇ، كىشىلەر مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپتۇ، شىنجاڭدا ياشاش ناھايىتى بەختلىك ئىش ئىكەن.

قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى يېڭى مەكتەپ رايونىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر دىنىي خادىملار قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئالقىشلىدى.

«شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا - ئاۋسترالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ئەلھەسەن رابېخ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپتۇ ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىپتۇ، بۇ جايدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللىنىپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دېگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمىز.

قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە، ئايروپىلان كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا، ئاپتوموبىللار ئاسما كۆۋرۈكتە ماڭغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.

«شىنجاڭنىڭ قاتنىشى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەپتۇ.» سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا - ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى مۇھەممەد ھاجى ئىبراھىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەش ئىرادىسى ناھايىتى زور ئىكەن، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىپتۇ، بۇ، بىز بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە چوڭقۇر ھېس قىلغان پاكىت.

نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەزالار شىنجاڭدىكى خاس كەسىپلەر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىقلارغا بەك قىزىقتى، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

«شىنجاڭ ھاياتىي كۈچ ۋە پۇرسەتكە تولغان مېھىرلىك تۇپراق ئىكەن، مەن بۇ يەرنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم.» مىسىرنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇھەممەد مۇستاپا ئورفى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى چوڭ دەرۋازىسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت