شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى قويۇپ بېرىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدا قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان مۇھىم سىياسەت - تەدبىرلەردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قانداق ئويلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدى؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشنى زىيارەت قىلدى.

سوئال: ئومۇمىي يىغىندا نېمە ئۈچۈن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» باش تېما قىلىپ بېكىتىلدى؟ بۇنىڭ 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

جاۋاب: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «قانداق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار مۇھىم سورۇن، مۇھىم يىغىنلاردا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يەنىمۇ سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بولۇپمۇ، بۇلتۇر شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بېكىتكەن. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ؛ ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولماستىن، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ؛ ۋاقىتلىق، بىر ئىشقىلا قويۇلغان تەلەپ ئەمەس، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ» قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە رايون ئەھۋالى، ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەرنى تولۇق قاپلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى بىلەن تومۇرداش بولۇش، ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا زىچ جىپسىلاشتۇرۇش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەم ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە خىزمەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سوئال: ئومۇمىي يىغىننىڭ خىزمەت دوكلاتىدا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟

جاۋاب: ئومۇمىي يىغىننىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ھازىرلانغان سىياسىي، سىياسەت، ئادىمىيەت، تەبىئىي شارائىت، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش رايون ئورنى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئەۋزەللىك ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى، سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، تارىخىي ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش، پايدىلىنىش، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتى ۋە خىزمەت ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى يول ئېچىش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى.

سوئال: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت لايىھەسى» دېيىلدى) ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىياسەت - تەدبىر» دېيىلدى)دە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قانداق ئويلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدى؟

جاۋاب: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان ھەرىكەت لايىھەسىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى چىڭ كۆزلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت يۆنىلىشى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، خىزمەت پىرىنسىپى ۋە نىشان - ۋەزىپىسى ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 20 جەھەتتىكى 81 نۇقتىلىق ۋەزىپە - تەدبىر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەت تەلەپلىرى ئېنىق تەكىتلەندى، ئۆزئارا تۇتاشقان، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىچكى جەھەتتە باغلىنىشلىق بولغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بەرپا قىلىنىپ شەكىللەندۈرۈلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى». بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش كۆزلىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، قىممىتى يۇقىرى، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان سەككىز جەھەتتىكى 37 ماددىلىق قوللاش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كەسىپ مەبلىغى جەھەتتىن يۆلەش، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، مۇھىم ئامىل كاپالىتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇندى.

سوئال: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە قانداق بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؟

جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتى پۇختا ياخشى ئىشلىنىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەش، يېڭى ئىستىل تىكلەش ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى تەكشۈرۈلدى.

ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئارقىلىق چوقۇم ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت