شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

​يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز.» 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

ئاساسنى چىڭىتىپ قۇۋۋەت توپلايدىغان، ئاساس تۇرغۇزۇپ، روھ يېتىلدۈرىدىغان ئىدىيەۋى كۈچ قوشىمىز

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ جەۋھىرىنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا خاس تارىخىي ئىشەنچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك بىلەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاساسنى چىڭىتىپ قۇۋۋەت توپلايدىغان، ئاساس تۇرغۇزۇپ روھ يېتىلدۈرىدىغان ئىدىيەۋى كۈچ قوشتى.

شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى ليۇ لۇمېي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بەش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن، خەلق ئاممىسى كۈندە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەمما ھېس قىلمىغان ئورتاق قىممەت قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان تارىخىي ئارخىپلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول، تارىخى ئۇزاق، روشەن قىممەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، بۇ ئارخىپخانىنىڭ قىزىل ئارخىپ بايلىقىنى تەكشۈرۈش، ئارخىپلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە. «ئارخىپ مەدەنىيلىكنىڭ مەھسۇلى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ بىۋاسىتە دەسلەپكى خاتىرە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم نۇقتىئىنەزەرى، مۇھىم ھۆكۈمىنى ئارخىپ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارخىپ خىزمىتىدىكى <تۆت سىستېما> قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارخىپ ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلىش تارىخىنى ياخشى خاتىرىلەپ ۋە ساقلاپ، ئارخىپ خىزمىتىنىڭ تارىخنى ساقلاش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىنىڭ باشلىقى، ئارخىپ تەتقىقاتچىسى تۇڭ لۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى كىتابلارنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش يىرىك پىلانى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابلەت ھەسەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەدىمكى كىتابلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى كىتابلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىمىز».

«توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زامانىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.» شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور لى ۋەنيۈن بۇرچىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، شۆيۈەنىمىز تېخىمۇ كۆپ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، ياش ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئاساسىنى پۇختىلايمىز».

«ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەيمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر جاۋاب بەردى، «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، بۇ، سىستېمىلىققا، يېتەكچىلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدىكى تەتقىقات ۋە بايقاشلار جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى، قوبۇل قىلىشچانلىقىنى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشچانلىقىنى، يېڭىلىق يارىتىپ ھالقىيدىغانلىقىنى، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز <ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش>تە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە بايان قىلىپ، جۇڭخۇا تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ مەزمۇنىنى ئىلمىي تاۋلاپ يىغىنچاقلايمىز» دېدى يۈ جيەنجۈن.

شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى خەن جېنلى مۇنداق قارىدى: «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» يېڭى نەزەرىيەۋى ئىچكى خاس مەزمۇن، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكى، يېڭى مىللىي ھالەت، يېڭى سۆز - ئىبارىلەر ئارقىلىق ماركسىزمنى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت گېنىگە ئىگە قىلغان، بۇ ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە تەجرىبە، ئىلھامىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، ھەم يېڭى دەۋردە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيەۋى يېتەكچى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«<ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش> پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئۇلى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مەدەنىيلىك ھالىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتىكى يۈكسەك تارىخىي ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەدەنىيەت ئىلمىي ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت - ئىنسانشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت ليۇ يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئىچكى لوگىكىسى ۋە دەۋر ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ، تولۇق، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار نەزەرىيەۋى ماقالىلەرنى يېزىپ، تېما تەتقىقاتى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماركسىزمنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم بازىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

«جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پارتىيەمىزنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ <يىلتىزى>، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئۇنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.» شىنجاڭ سىفەن داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جېڭ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تۇرۇپ، بىز قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول قىممەتلىك بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىنى جانلاندۇرۇش بىلەن ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تارىخىي ئۇلى، مەدەنىيەت تومۇرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئەمەلىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگو داۋلىسى ئارقىلىق جۇڭگو تەجرىبىسىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، جۇڭگو تەجرىبىسىنى جۇڭگو نەزەرىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، مەنىۋى جەھەتتە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

2023 - يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، «قەدىمىي يولدا مېڭىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش، چېشى قەدىمىي يولىنى ئاممىۋى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» پائالىيىتى باشلاندى، ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى كىشىلەرنى باشلاپ قەدىمىي يىپەك يولىدا قايتا مېڭىپ، يول بويىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىلىرىغا قارىتا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ ھەم مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرىدىغان، شۇنداقلا شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرىدىغان بىر قېتىملىق ئاممىۋى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دەرسى بولدى. «باش شۇجىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشى ۋە ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىزنى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى قېزىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى.» شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، پەن تەتقىقات باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سو چيۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىمىز ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇش»نىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈزلۈكسىز سىناق قىلدۇق. بۇ يىل، «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شانلىق سەھىپە پۈتۈپ چىقىش» ناملىق يۈرۈشلۈك قىسقا سىن فىلىمىنى سىجىل ئىشلەپ، ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش ۋە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاۋامغا جانلىق، ئەمەلىي نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەدىمكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى بىلىشى، ھازىرقى جۇڭگونى تونۇشى، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىمىز.

«يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە بىز جەزمەن مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۇتۇپخانا باشلىقى ۋاڭ شۇگۇاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى شىنجاڭ بويىچە 350 مىڭ پارچە قەدىمكى كىتابنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلاردا قەدىمكى كىتابلارنى ساقلاش ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى، كېيىنكى قەدەمدە «دۆلەت قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلار تىزىملىكى» ۋە «مەملىكەت بويىچە قەدىمكى كىتابلارنى نۇقتىلىق قوغداش ئورنى»غا ئىلتىماس قىلىشقا پائال تەشكىللەيدۇ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك قەدىمكى كىتابلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارىتىنى ئۆگىتىش ئورنى قۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىدۇ، قەدىمكى كىتابلار مەخسۇس تېما لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىق تەتقىقات - ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.

ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە تەربىيەلەش دەرسى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ 96 مەيدان «كەنت كېچىلىكى» ئۆتكۈزدى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى كۆرگەزمە ئويۇنى ئارقىلىق 25 مىڭ ئادەم قېتىمغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزدى... بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. «يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيەت سارىيى چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ.» شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى جوۋ ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: سارىيىمىز ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش شەكلىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرىدۇ.

(مۇخبىر جيا چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار يىن لۇ، جاڭ خەيفېڭ، گاۋ فاڭ، لى لى، جاۋ شىيا، مېھرىگۈل غوپۇر)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت