شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بىر بەلباغ، بىر يول، ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ سەپىرى سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «بىر بەلباغ، بىر يول، ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ سەپىرى سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: «بىر بەلباغ، بىر يول، ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ سەپىرى سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ بىر قىسىم ئاكادېمىكلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى داۋالاش - ساغلاملىق ساھەسىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن خەن دېمىن، چېن شياڭمېي، ياڭ باۋفېڭ، سۇڭ بىن، لىن دۇڭشىن، جياڭ باۋگو، جياڭ جيەنشىن، ھوشۇر ئىسلام، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن گې جۈنبو، شاۋكەت سالىخوف، شياۋ ۋېنجياۋ قاتناشتى.

سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە تەرەققىيات ئېھتىياجى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

خەن دېمىن شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى، بىيو دورا - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنى تەھلىل قىلىپ، بىيو دورا - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، ئوتتۇرا - غەربىي ئاسىيا خەلقئارا تېببىي ئىلىم مەركىزى، ساغلاملىق پەن تەتقىقات يۇرتى قۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش، بىيو دورا - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

چېن شياڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمكى كىتابلار ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەرنى يىغىپ رەتلەش، بايلىق ئېچىش، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل پەنلەرنى يۇغۇرۇپ شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سۇڭ بىن مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ قۇرۇلمىلىق، كۆپ مىللەت تېبابىتى داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى ئىختىساسلىقلىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان يۇقىرى قاتلاملىق داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئۇ تېببىي ئالىي مائارىپ بويىچە نىشانلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئالىي ئىختىساسلىقلار سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بەردى.

جياڭ جيەنشىن قەشقەردىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، قوللىنىشچان تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىش، تېببىي كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش قوشۇنىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئۆزبېكىستانلىق ئاكادېمىك شاۋكەت سالىخوف مۇنداق قارىدى: جۇڭگو - ئۆزبېكىستان داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى بويىچە خام ئەشيا دورا تەييارلاش سۇپىسى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئالىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ھوشۇر ئىسلام يىپەك يولى رەقەملىك ساغلاملىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، شىنجاڭدا ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىش بىلەن بىللە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى ھەم پەن تەتقىقات مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى، يىراق مۇساپىلىك ۋە چېگرا ھالقىغان داۋالاش مۇلازىمىتى، ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياڭ باۋفېڭ، گې جۈنبو، جياڭ باۋگو، لىن دۇڭشىن قاتارلىق ئاكادېمىكلار، ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىس، ئالىملار پىكىر ئالماشتۇردى، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە سۇپىسى قۇرۇلۇشى، تېببىي دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش - كىرگۈزۈش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىققا ئىگە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ۋە جىددىي ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنى پايدىلىق يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ھەرقايسى ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئالاقىدار تارماقلار كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىق، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى يادرولۇق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. رايون خاراكتېرلىك نۇقتىلىق داۋالاش - سەھىيە سۇپىسى قۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش - سەھىيە قوشۇنىنىڭ كۈچىنى مۇستەھكەملەپ، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلار، شەھەر - يېزىلارنىڭ داۋالاش - سەھىيە جەھەتتىكى پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ شىنجاڭنىڭ داۋالاش - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۇپا، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئومۇمىي پىلانى، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەپ، مەسلىھەت بېرىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، سۇپا قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەقلىي كۈچ بايلىقى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدۇ.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى «بىر بەلباغ، بىر يول، ساغلام شىنجاڭ» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

2023 - يىللىق «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول، ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىكلار مۇنبىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە باشلاندى، ئالاقىدار ئاكادېمىك - مۇتەخەسسىسلەر ئالتاي، قەشقەر، خوتەننىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە خىزمىتىنى چۆرىدەپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قادېن كەبىن، مۇقىيات جارمۇقاممەت، ليۇ سۇشې، شۈ شيەنيى، خا زېڭيوۋ قاتارلىقلار، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانىچىلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە داۋالاش - سەھىيە ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت